ئۆلۇپلا كېتەيمەن چۇشەن ئادەملەر!!!

يوللىغۇچى : سائادەت يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-06 15:22:00

تىترەيدۇ قۇلۇمدا ئاجىز قەلەملەر،يازالماي ئەركىنى «قەپەز» شۇ دەملەر.پۇت-قولنىڭ ئىگىسى بولدى بىغەملەر،مەن«توكۇر» بوپ كىتەي چۇشەن ئادەملەر. سۆزلىگۈسى بار ئەمما «گاچا» بەزەنلەر،يازغۇسى بارئەمما س...

    تىترەيدۇ قۇلۇمدا ئاجىز قەلەملەر،
    يازالماي ئەركىنى «قەپەز» شۇ دەملەر.
    پۇت-قولنىڭ ئىگىسى بولدى بىغەملەر،
    مەن«توكۇر» بوپ كىتەي چۇشەن ئادەملەر.

    سۆزلىگۈسى بار ئەمما «گاچا» بەزەنلەر،
    يازغۇسى بارئەمما سۇنار قەلەملەر.
    تىلىمنى دىلىم مەجبۇر ئىگەرلەر،
    مەن «گاچا» بۇپ كىتەي چۈشەن ئادەملەر.

    قۇلاققا كىرمەيدۇ نادىر مۇقاملار،
    نە سىڭمەس ھەتتاكى ئاددى ئۇقۇملار.
    ھالۋامدا بار بولدى زەھەر-زۇقۇملار،
    مەن«گاس» لا بۇپ كىتەي چۇشەن ئادەملەر.

    قاپ-قارا كۆزلىرىم كۆرمەس كۇندۇزنى،
    نە ھاجەت كېچىسى ئىزدەپ يۇلتۇزنى.
    «ئاپئاق» دەپ ياشامدىم ئەمدى قۇندۇزنى؟
    «قارغۇ» بۇپ كېتەيمەن چۇشەن ئادەملەر.

    ئارمىنىم ياشاشقا بېرەر زەھەرلەر.
    «جان» ئۆزەمنىڭ ئالار بەزەنلەر،
    «چاشقان»غا يەم بولدى«بۆرە» بەدەنلەر،
    غازاڭدەك ھۆرمەتمۇ تاپالماس گۇللەر،

    تىرىكمەن مۇردىدەك ئۆتمەكتە كۇنلەر،
    شۇنچە ھەم كۇتسەممۇ كەتمەسكەن تۇنلەر،
    ۋارقىراپ توۋلايمەن چىقمايدۇ ئۈنلەر....
    ناتونۇش بۇپ كەتتى«بېغىشى بىر»لەر،

    بىخۇدلۇق ئۇيقۇدا سەگەك تەدبىرلەر،
    نەقىلاي«يەنە دىسەم يەنە شۇ»گەپلەر؟
    بولدى بەس توختىسۇن ئەمدى قەلەملەر!
    ئۆلۈپلا كىتەيمەن چۇشەن ئادەملەر!!!

    "سائادەت"يازمىلىرى  2007.8.6 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق