پىنھان سۆيگۈ

يوللىغۇچى : iltaj يوللىغان ۋاقىت : 2011-09-15 12:54:09

پىنھان سۆيگۈئۇتىۋالدىڭ قانداق قىلىپ كۆڭلۈمنى،چىرايىڭمۇ يا مىجەزىڭ بىلمىدىم.ھەر بىر مىنۇت خىيالىمدا ھەمراھ سەن،بىراق ساڭا ھەرگىز ئاشكار قىلمىدىم.ئىزھار قىلماق ئۈچۈن ساڭا كۆڭلۈمنى،ئىزدەپ يۈرد...

     

    پىنھان سۆيگۈ
     

     

    ئۇتىۋالدىڭ قانداق قىلىپ كۆڭلۈمنى،
    چىرايىڭمۇ يا مىجەزىڭ بىلمىدىم.
    ھەر بىر مىنۇت خىيالىمدا ھەمراھ سەن،
    بىراق ساڭا ھەرگىز ئاشكار قىلمىدىم.

    ئىزھار قىلماق ئۈچۈن ساڭا كۆڭلۈمنى،
    ئىزدەپ يۈردۈم پۇرسەت يەنە ھەم ئامال.
    ئۆزۈم نىمە بولغان بولسام مەيلىتى،
    ئەنسىرىدىم ساڭا تەگمىسۇن دەپ شامال.

     

    ساڭا ياخشى بولماق ئۈچۈن مەن يەنە،
    ئىرادەمگە خىلاپ ئىشمۇ قىپ سالدىم،
    قالمايلى دەپ ھەر ئىككىمىز ئازاپـتا ،
    ئۇزاق-ئۇزاق ئويلىنىپ مەن بەك ھاردىم.

    يەنە شۇنى ئويلاپ قالدىم ئولتۇرۇپ ،
    مۇھەببىتىم دەردىڭگە دال بولارمۇ؟
    يا بولمىسا  يۈرىكىڭنى  ئازاپلاپ ،
    دەرتلىرىڭگە يەنە بىر دەرت قۇشارمۇ؟

    سورىغۇم بار تۇرۇپ سەندىن يۈزمۇ_يۈز،
    يۈرىكىڭدە ماڭا ئورۇن بارمىدۇ ،
    يۈرىكىڭدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلار،
    ۋىسالىڭغا ماڭا ئوخشاش زارمىدۇ.

    مەن بىلىمەن سېنى سۆيسەم بولمايدۇ.
    بىراق كۆڭلۈم دىگىنىمگە قويمايدۇ.
    سېنى دەپلا يارالغاندەك دۇنياغا،
    خىيال قۇشۇم سەنسىز پەرۋاز قىلمايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پىنھان سۆيگۈ ئاشىق _