بالىلىق

يوللىغۇچى : zulhami يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-07 12:03:38

بالىلىقمەھمۇد مۇھەممەد( ئۆزلەت)بۈگۈنچىقالماسمەن توشقانلار قوغلاپبالىلىق چېغىمسارغىيىپ پىشقان‹‹ خۇۋانە›› تاللاپ،ئېغى يىرتىلغان تامبىلى بىلەنئۇزالغانچە مونچاق شاخلارغاغورا ئوغرىلا...

    بالىلىق
    مەھمۇد مۇھەممەد( ئۆزلەت)

     
    بۈگۈن
     چىقالماسمەن توشقانلار قوغلاپ
    بالىلىق چېغىم
    سارغىيىپ پىشقان‹‹ خۇۋانە›› تاللاپ،
    ئېغى يىرتىلغان تامبىلى بىلەن
    ئۇزالغانچە مونچاق شاخلارغا
    غورا ئوغرىلاپ  قالدىمۇ باغدا؟

    بالىلىق چېغىم
    توققۇز يېشىدا‹‹ئۆي تۇتۇپ›› ئويناپ
    قىز تالىشىپ ئاداشلىرىدىن
    قالغانمىكىن يا
    بىر نېنىنى پارچىلاپ تەڭدىن
    شور توپىدىن ئۆرلىتىپ تۇمان
    گۇگۇم بىلەن كىلەر پادىلار
    ئاق بۇلۇتقا مىنگەن پەرىلەر
    كۆك قوينىدا  ئۇزىشار ئاستا
    بالىلىقىم ،ساناقلىق كۈنلەر
    بۈگۈن،
    مىنگىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كالا.....

    بالىلىقىم
    ئازمىدىكى لاي سۇدىن چىقىپ
    بوز توپىنى قۇچاقلاپ يېتىپ
    دۈمبىسىنى قاقلار ئاپتاپقا
    بالىلىقىم
    يىغلىمىغىن ئاناڭدىن قېچىپ
    ئاخىرقى رەت تەگكەن شىۋىققا ....

    ‹‹ئانام-ئانام تىللايدۇ،
    دادام- دادام تىللايدۇ.
    پات قۇرۇڭ،پات قۇرۇڭ....
    تال شىۋىقنى ئۇرۇپ تامبالغا
    شىپ –شىپىلداپ ئېيتىلار قوشاق
    كىيىىۋالغان ھۆل تامبىلىڭدىن
    تېخى سويۇلۇپ چۈشمىدى تۇپراق ....

    بۈگۈن‹‹ چالما-چاڭ››
    سېلىمكامنىڭ كونا تاملىقىدا
    بالىلىقىم يىغلىمايلا قوي
    كۆزۈڭگە تىگىپتۇ ئاخىرقى چالما.....

    پايانسىز جاڭگال
    قۇلاق سالسۇن كەپسىز يانتاقلار
    زىلۋا قۇمۇشلار ،بەرنا يۇلغۇنلار
    ئاخىرقى رەت توۋلا ناخشاڭنى،
    ئاڭلاپ قالسۇن ئۆچمەستە ئۈنۈڭ،
    ئۈركۈپ قاچقان دىڭگاڭ قۇلاقلار..
    قۇملۇقلارغا سۈرگۈن قىلىنغان..
    بايقۇش ئاھۇلار .....
    ئاڭلىۋالسۇن ئېغىر پۇشقۇنۇپ
    ئۇۋىسىدا ياتقان توڭگۇزلار......
    بۈگۈن ساڭا  ئاخىرقى پۇرسەت ..
    سۈزۈك ئېقىنغا چۈمۈلگىن رەت-رەت..
    ئاچچىق-چۈچۈك بالىلىق -گۈدەك
    ئەسلەي قانچە كەلمەيسەن ئەبەد...
    چۈشلىرىمگە كىرىسەن  گاھى
    چۆچەكلەردىكى
    ئون بەش ياشلىق رەسىدە قىزدەك...

    بالىلىقىم
    بۈگۈن ساڭا ئاخىرقى پۇرسەت
    باغرىدىكى جەننەتتەئىرىپ
    ھىدلىۋالغىن ئاناڭنى قەۋەت...

    بۈگۈن بارائەت
    تۇيدۇرماي ئەپ چىق
    قۇزۇققا ئېسىلغان  ياغلىق قاپاقنى
    ياكى بوۋاڭ يىرتقان كالاچنى
    سىيپاپ چىقسىمۇ موماڭ قازناقنى

    بالىلىقىم
    خوشناڭنىڭ خامىنىدىن ئوغرىلاپ پالاڭ...
    چۆرىدىشىپ ئوت سىنغان گۈلخان
    ئەڭ ئاخىرقى رەت
     شولا چاچقان ئىكەن كۆزۈڭدە،
    ياغلىق قۇيماق  يىگەن لىۋىڭدە ..              

    ئون ياشتىن ئاشمىغان چاپتىكەش‹‹ تاز››لار
    ‹‹چامغۇر يۇلىمىز ››
    قارا تېرەكنى قۇچاقلا‹‹ئانا››
    ئۇلىشارمىز كەينىڭگە قاتار....
    -ئانام ‹‹چامغۇردىن بىر تۈپ بەرسۇن›› دىدى
    -كۈچۈڭ يەتسەيۇلۇۋال مەيلى....

    يۇلۇپ بولدۇق چامغۇرنىمۇ
    ياشاپ بولدۇق بالىلىقنىمۇ...

    قارا –قار قۇشلارىڭ
    ئارقىڭدىكى نىمىلەرىڭ؟
    ئۇششاق –ئۇششاق بالىلارىم
    ماڭا بىرنى بەرسەڭچۇ؟
    كۆچۈڭ يەتسە ئالساڭچۇ؟
    كۆچۈم يەتسىمۇ بىردىن يۇلۇشقا
    يۇلۇم يوقكەن ئەمدى يېنىىشقا؟

    تۇيدۇرماي ئەپ چىق
    ئۆيۈڭدىكى گۇگۇتنى ئاستا
    ئوت ياقىمىزغازاڭنى يىغىپ
    چانائويناپ ئۈششۈسە قوللار....
    ئىزدەپ يۈرمە بولدى ئانىلار
    مەيلى بۈگۈن قالساق گۇگۇمدا
    بۈگۈن بىزگە ئاخىرقى پۇرسەت
    شۇ قايتقانچە چىقماسمىز قايتا........

    قويلىرىنى ‹‹ تۈلكە ئېچىق››تا
    سۇغارغانچە قالغان ئەي بالا
    ئۆتمۈش نىمەكەلگۈسى نىمە؟
    نانلىرىمىز كەتتى  ئېقىندا…

    سۆگەتكە ياماشقۇچى
    كەپسىز يېقىلىپ چۈشكۈچى
    ئاخىرقى رە ت
    نىسىپ بولدى يىغلىشىڭ ساڭا…

    ئانىسىنى قاقشاتقان
    چالما ئېتىپ قاچقان
    بالا شاھزادە
    كىلەلمەيسەن قايتىپ خانەڭگە…

    توخۇم ئوغرىلاپ يىگەن ئاچ  كىرپە
    تىمسقلىغانچە قۇمائىچىدە
    تۇتۇلۇپ قالدىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەت

    ئەي دەرياغا چۆمۈلگەن بالا
    بىر سەكرىگەنچە چىقمىدىڭ قايتا…
    يۇلتۇزلىرى ساقىغان پۇرسەت
    سىنى كۆتۈپ ھاردى قىرغاقتا

    تۇرنىلار يۈتتى ئاسمىنىمدىن
    كىيىكلەر غايىپ كۆز ئالدىمدىن
    قوزىلىرىم تاقلاپ كىتىشىتى
     بىر ئىككى ئۈچ سەكرىشىپ ياندىن...

    بالىلىقم چۆنەك ئارىلاپ
    شۇكەتكەنچە كەلمىدى قېيداپ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.