زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: ئامالسىزلىق

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-19 15:45:29

ئامالسىزلىقزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىبىر ئىشقىۋاز ئايال كەبى رېئاللىق،باشلاپ كىرىپ تۈنرەڭ، سوغۇق ياتاققا؛مەھرۇم قىلماق بولۇر ھەممە- ھەممىدىن،بوغۇپ مېنى «سۆيۈش» دېگەن ئاتاقتا...ئەگىشىم...

    ئامالسىزلىق
    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى


    بىر ئىشقىۋاز ئايال كەبى رېئاللىق،
    باشلاپ كىرىپ تۈنرەڭ، سوغۇق ياتاققا؛
    مەھرۇم قىلماق بولۇر ھەممە- ھەممىدىن،
    بوغۇپ مېنى «سۆيۈش» دېگەن ئاتاقتا...

     

    ئەگىشىمەن كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرسىمۇ،
    پۇشايماندا تۈگەللىنىپ بۇ سۆيۈش،
    ھەققى ئۈچۈن ئويۇپ بىر جۈپ كۆزۈمنى،
    ئۆز ئۆزۈمگە يېتىلىنىپ يول يۈرۈش...

     

    بۇ ئۆزۈمچە ئەمەس، مەندە نە ئامال
    خورلىنىشتىن پەرقى يوق بۇ سۆيۈشكە؟
    ئارقا يۈزى شۇنداقمۇ يا سۆيگۈنىڭ،
    ھېچ رايىم يوق سۆيۈپ تۇرۇپ ئۆلۈشكە...
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.