يارسىزلىق(ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-16 19:32:00

يارسىزلىق ( ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ) رودىپاي كېسەلدەك سوزۇلغان كېچە، ھۇۋلاپ تۇرىدۇ مېنىڭلا كۈلبەم. ئىشىكىم چېكىلەر، ئولتۇرىمەن جىم، ئېھ، سېنىڭ رۇخسارىڭ كۆز ئالدىمدا جەم. روھىڭ دەپ ئويلىدىم ھۇۋلىغ...

    يارسىزلىق

     ( ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم )

       رودىپاي كېسەلدەك سوزۇلغان كېچە،
    ھۇۋلاپ تۇرىدۇ مېنىڭلا كۈلبەم.
    ئىشىكىم چېكىلەر، ئولتۇرىمەن جىم،
    ئېھ، سېنىڭ رۇخسارىڭ كۆز ئالدىمدا جەم.

     

    روھىڭ دەپ ئويلىدىم
    ھۇۋلىغان شامالنى تۇتۇپ قولۇمدا.
    قاچاندا ئىسسىتار بۇ سوغۇق تاملار، تېنىڭ دەپ ئويلىدىم قانلىرىم كۈۋەجەر تومۇرلىرىمدا.

    ۋارقىراپ كىرمىسەڭ...ئاھ، نىمە قالغۇسى كۈلبەمدە؟!... قاراڭغۇ كېچە بۇ... ھۇۋلايدۇ شامال، شاخلاردەك تەنلەرگە زادى ئارام يوق.
    كەلسەڭچۇ؟... مېنىڭ كۈلبەم قالسۇن قۇپقۇرۇق

     

    ...مەنبە: بوستان ژورنىلىنىڭ (1998.2) -سانى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.