روھىمدىكى سۆرەتلەر----نومۇرى W_ID: 4406 نەشتەر

يوللىغۇچى : NAXTAR يوللىغان ۋاقىت : 2008-07-24 21:14:00

روھىمدىكى سۆرەتلەر (داستان) مەن- يانىۋاردىن دېكابىرغىچە، ئىزلەپ ئۆزۇمنى- سۆيۇپ قويدۇم نەچچەقىزلارنى. لىكىن- ئەتىسىلا تۇنۇشمايمىز بىز، خوددى ئۇيغۇر ئاينى تۇنۇمىغاندەك . ئاۋياماتكا نىمە ئۇ ؟ - دى...

     روھىمدىكى سۆرەتلەر
    (داستان)

    مەن- يانىۋاردىن دېكابىرغىچە،
    ئىزلەپ ئۆزۇمنى-
    سۆيۇپ قويدۇم نەچچەقىزلارنى.
    لىكىن- ئەتىسىلا تۇنۇشمايمىز بىز،
    خوددى ئۇيغۇر ئاينى تۇنۇمىغاندەك .
    ئاۋياماتكا نىمە ئۇ ؟ - دىسە،
    ھېس قىلىمىز ئۇنى لەغمەندەك.

    (1)
    سۆيۇپ قويدۇم ئۆزۇمنى مۇزدەك.
    شۇنچە قىزغىن يېترقاپ تۇرۇپ.
    تاپالمىدىم ئۆزۇمنى پەقەت
    يەر شارىغا نەچچە رەت قاراپ ،
    كەتتىممۇ ياكى مەن ئۇلۇپ .

     << ئەجەپمۇ كەلمىدىڭ يايرىم،
    يولىڭغا بارغۇدەك بولدۇم.
    قۇلۇمغا قوش پىچاق ئالىپ،
    يۇرەكنى يارغۇدەك بولدۇم >>
    ---- مانا بۇ مىنىڭ سۆيۇملۇك ناخشام ،
    يانىۋاردىن دېكابىرغىچە ئىزلەپ ئۆزۇمنى .
    ئۆگەندىم ئۇنى، تېخى مەن ئاخشام.

     (2)
    ياشىمايمەن قۇرساق ئۇچۇن دەپ ،
    شايلا چېچىپ ئىش قەغىزىگە ،
    شىئېر يازىدۇ،
    تېخى تۇنۇگۇن تۇغۇلغان شائىر.....
    بىز ئىنساننىڭ ئىنجىنىرى دەپ ،
    كاتتا لەۋھەنى سۆرىۋېلىپ ئۇيغۇر مۇئەللىم،
    قاۋاقلاردا بولىدۇ زاھىر.
    ئۆزىنى ئۆزى ناتىق ھېساپلاپ ،
    بۇ دۇنيانى ساۋاتسىز چاغلاپ،
    (خوددى ئۆزىدەك) ئىچىۋېلىپ جىڭلىق ھاراقنى ،
    ئۇستەللەرگە كېتىدۇ مۇشلاپ .....

    مەيچى تەتەي ئەركىلسە گەر ،
    يۇقاپ كىتەر بايىقى گېپى،
    يۇقاپ كېتەر ئۇيغۇرچە ئېتى،
    قاراپ ئۇنىڭ قاش ۋە كۆزىگە،
    يالىڭاچلا تۇرغان تېنىگە،
    يوتىسىنى قۇچاقلىدىم دەپ،
    شىرىن چۇش كۇرۇپ،
    ئۇخلاپ كېتەر يۇندىخانىدىكى لىمنى قۇچاقلاپ.....

     (3)
    مەنمۇ قاچان كۇندۇز چۇشەيمەن،
    كۇندۇز مىنى قاچان چۇشەيدۇ؟
    چىقىۋېلىپ ئايرۇپىلانلارغا ،
    چەتئەللىك كالا-
    بىزگە قاراپ مەسخىرلىك كۇلۇپ،
    سامان يىمەي دوللار كۆشەيدۇ.

    توۋا !!! خەقنىڭ قۇشى-
    خوددى بۇلبۇلدەك چاڭ چاڭ سايرىسا،
    بىزنىڭ بۇلبۇل- خوددى ھۇقۇشتەك-
    ھۇۋ ھۇۋ سايرايدۇ.

     توۋا دايمەن....
    ئاتام،ئاپام ،مەن
    ئۇيغۇر تۇرۇپمۇ-
    ئۇيغۇرچە سۆزلەپ
    تىلمىزنى ئۇقۇشالمىدۇق
    ئۇيغۇر تۇرپمۇ.
    كۆچۇپ كەتتى قۇملۇقتىن توغراق،
    ئاڭلىمايدۇ ئاۋازىمنى ئۇ.
    ئۆلتۇرۇلمەكتە توغراقنىڭ تىلىنى بىلدىغانلار....
    ئاتام ماڭا ئۆگەن دىگەن .
     مەنمۇ ئوغلۇمغا ئۆگەن دىدىم
    لىكىن ئۆزەم ئۆگەنمىدىم.
    كۇچۇپ كەتتى بۇ يەردىن توغراق،
    ئاڭلىمايدۇ ئاۋازىمنى ئۇ،
    ئۇيغۇرچىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك.
    تارىم سۇيى- راس ئەمەس ئۇ خوددى يالغاندەك.
    جىمجىت ئاقار خوددى تالغاندەك.

     پۇتكۇل كائىنات تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە،،،،
    نىمە ئىزلەيدۇ؟؟؟
    نىمە كۆزلەيدۇ؟؟؟
    ئەي گۆھەر دەسسەپ تۇرغان كور ئادەم
    - ئۆز ئۆيۇڭنى ساقلىيالمامسەن؟؟؟
    تەكلىماكان- تەكتىماكانغۇ ؟
    ئوتانچىنىڭ ئۆتىڭى ئەمەس،
    ياكى ئەمەس مۇساپىرنىڭ قاۋاقخانىسى.
    بىز - ئىتنىڭ بالىسى ئەمەس،
    ئادەم بالىسى.
    يول تاپالمىغان ئەما يولوچى،

     (4)
    ئادىرسىمنى ئەپقاچقان ئوغرى
    ئۇرۇن ئالدى ئايدىن مارىستىن.
    داچىسسىدا يۇرەر خىرامان،
    بىزنىڭ ئاددى كەپىگە قاراپ
    مەسخىرلىك كۇلۇپ .
    دوللار كۆشەر ئۇنىڭ كالىسى.
    تۇغۇلۇپلا ، كومپىيوتېرنى قۇچاقلاپ
    ئويناپ يۇرەر ئۇنىڭ بالىسى.

     بىز !!! داخانلارغا ياشنى ئاققۇزۇپ،
    يۇرىۋەردۇق قەيەردە پىنھان؟
    يېتىلەپ كىلەر سەبى بالىنى
    يەكپاي ئاياق كىيگەن بىر دېھقان.
    يىرتىق چاپان ، يىرتىق ئۇتۇكى.
    يىرتىق جىلتە ئىچىدە كىتاپ.
    يۇشۇرىدۇ دادىسىدىن ئۇ--
    مال باققاندا ئۇقۇش ئۇچۇنلا.
    بەزى قوي بار قەغەز يەيدىغان،،،
    ئەقلىم يەتمەيدۇ---
     بەزى ئىشلار بەكمۇ يۇچۇنلا.

     (5)
    نوغايتودا ئاق ساتقان تەتەي
    چىقىۋېلىپ كاتتا ماشىنىغا .
    قايسى بىر دۆلەتنىڭ زۇڭتوڭى بىلەن
    سۆھبەت قىپتىمىش--
    ئۇرۇمچىنىڭ ئاسمىندىكى
    ئس تۇتەكلەر نەدىن كەلدى دەپ .
    چىقىۋېلىپ كاتتا ماشىنىغا .
    قاراپمۇ قويماس بىزنىڭ ياغاچ ياريار ھارۋىغا.
    كەلگۇسىدىن ئۇمىت بار دەپتۇ-
    ھالرەڭ چەتئەللىك.
    بىر قاراپ دوپپىسىنى تاشلاپ خالاغا.
    ئون كويچەنگە چېچىنى كىسىپ
    يۇز كويچەنگە يالغان چاچ كىيىپ
    يۇرگەن يېرىم يالىڭاچ ئۇيغۇر قىزىغا .
    ئاپىسىنى- ئاچىسىنى- سىڭلىسىنى- ئايالىنى- كوچىغا زورلاپ (ئاق چىكىش ئۇچۇن) ئۆز ئەسلىنى يۇقاتقان، ئېزىتقۇغا يۇلۇققان، ئۇيغۇر ئوغلى ئۇغۇزغا قاراپ.

    (6)
    مەن - ئۆز-ئۆزۇمنى ئىزلەپ يۇرۇيمەن.
    يانىۋاردىن دېكابىرغىچە.
    تاپالمىدىم لكىن ھازىرچە.
    لىكىن چۇقۇم تاپىمەن يانىۋاردىن دېكابىرغىچە.
    ئادىرسىمنى ئەپقاچقان ئوغرى
    --- قاراپ تۇر
    ------- دولقۇنلايدۇ ئىلى دەرياسى
    تارىم سۇيى ئاقار كۇۋەجەپ
    قايتىپ كىلەر توغراقلار يەنە
    ئۇيغۇرچە سۆزلەپ

    مەن - ئۆز -ئۆزەمنى ئىزلەپ يۇرۇيمەن.
    يانۋاردىن دېكابىرغىچە.
    تاپالايمەن ئۆزۇمنى چۇقۇم ئەتە- ئۆگۇن - ئىندى- يا بولمىسا قىيامەتكىچە.
    2001-يلى 23-ماي.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق