مىجىت ناسىرغا خەت(قاينامى)

يوللىغۇچى : kaynami يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-28 16:32:33

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} مىجىت ناسىرغا خەتسۇغا چىقىمەن قولۇمدا چېلەكسۇنۇق ئەپكىشىم يىغلاپ قالار تونۇر بېشىداس

    مىجىت ناسىرغا خەت

     

    سۇغا چىقىمەن

    قولۇمدا چېلەك

    سۇنۇق ئەپكىشىم يىغلاپ قالار تونۇر بېشىدا

    سۇغىرىمەن گۈللەرنى

    تاڭغىچە يامغۇردىن تىلىگەن سۇدا

    ئاندىن ماڭىمەن ئۆيۈمگە

    يوقلۇق دەپ ئاتالغان تىلدا

     

    سەھەرنىڭ سۈزۈك پەردىلىرىدە

    يېزىقنىڭ ياپيېشىل كىيىملىرىدە

    ئاۋازىڭىزنىڭ ناتونۇش دىيالۇگىدا

    كۆرىمەن كۆزلىرىڭىزنى كۈلۈپ تۇرغان

    سېزىمەن قولۇمنى تۇتقان بىر قولنىڭ

    يېنىككىنە تىترەشلىرىنى

    ئارىمىزدا بىر دەرت ئاھ ئۇرغان...

     

    سىز تېرىغان بۇغدايلار

    كىردى ئەمدى ئورما پەسلىگە

    بىزلەر ئەمدى خامانلار ئارا

    قوللىرىمىزدا تۆمۈر ۋە ياغاچ ئارا

    چۆرگىلەيمىز چەمبەرلەرنى كۈن ئولتۇرغىچە

    ناخشا توۋلايمىز ئاي چىققۇچە

    كۈتىمىز تاڭنى قېرىپ كەتكۈچە،ئۆلۈپ كەتكۈچە...

     

    ئېتىزلارنى ئارىلايمەن

    كۆرىمەن سانسىز سىزنى

    ئۆلگەن دەرەخلەرنىڭ ئاياغلىرىدا...

     

    تاغلارغا چىقىمەن

    يۈكسەكلىكنى كۆرىمەن،سىيلايمەن

    ياش تۆكىمەن

    ئۇچۇۋاتقان قۇشلارغا قاراپ

    توزۇۋاتقان قىزىل گۈللەرگە تاراپ

    سۇ بولىمەن،بارىمەن،بارىمەن...

     

    ئويلايمەن ئاتىلارنى،ئاكىلارنى،تەڭتۇشلىرىمنى

    تېرىپ يۈرگەن سۆڭەكلەرنى قەبرىلەردىن

    ئانىلارنىڭ كۆز يېشىدا ئۇزۇن دەريا

    ئىگەم بىزنى كۆكلەتكەيسەن سەبرىلەردىن

     

    مىنگەن ئېتىم كۆرەڭ قاشقا

    ئەمما مېنىڭ ئىسمىم باشقا

    چىقاي دېسەم تاغ-دالىغا

    بېشىم تېگىپ كېتەر تاشقا

    چۈشۈم سىزنى چاقىرىدۇ:

    مىجىت ئاكا،مىجىت ئاكا...

     

    قان ئالدۇرغىلى بارسام

    سېستىرالار كۆتۈرۈپ چىقار

    جادۇلارنى قان تېمىپ تۇرغان

    قاچىمەن  قولۇمدا قۇپقۇرۇق چېلەك

    ئۆيۈمگە يوقلۇق دەپ ئاتالغان...

    2010.05.28

     

     

     

     

     

     

    [admin تەستىقلىدى . 2010-5-28 19:25:53]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قاينامى مىجىت ناسىر