ئىككى شېئىر(ئابدۇللا سۇلايمان)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-24 21:23:22

ئىككى شېئىرئابدۇللا سۇلايمانتەبىئىيلىك ئاددىي ۋە ئۇلۇغقار ئۇچقۇنى - نەشپۈت چېچىكى،كائىناتقا سالغان پايانداز.مۇز تېگىدە ئاققان سۈزۈك سۇ،ئۆزى كۈيلەر، ئۆزى چېلىپ ساز. 2003-يىل 2-سان تەڭرىتاغ ژۇرن...

    ئىككى شېئىر
    ئابدۇللا سۇلايمان


    تەبىئىيلىك ئاددىي ۋە ئۇلۇغ

    قار ئۇچقۇنى - نەشپۈت چېچىكى،
    كائىناتقا سالغان پايانداز.
    مۇز تېگىدە ئاققان سۈزۈك سۇ،
    ئۆزى كۈيلەر، ئۆزى چېلىپ ساز.
                                                   
                                                                                   2003-يىل 2-سان
                                                                                 تەڭرىتاغ ژۇرنىلى

    قاتقان دالا سوغۇق تەپتىدە،
    تىنىقلىرى پەسلىگەن گويا.
    قاماللانغان تۇپراقنىڭ كۆكسى،
    يىلتىزلارنىڭ ئىلكىدە دۇنيا.

    قۇياش ئاجىز نۇر تۆكسە كۈندۈز،
    ئېرىپ ئۆچەر چىرماش ئىزلار ھەم.
    كەچتە بالدۇر ئۇخلايدۇ دالا،
    ئايدىن چۆچەك تىڭشاپ، شۈمۈپ نەم.

    تۇتاش ئېدىر ئاقۋاش تاغلارغا،
    كۆرۈنمەيدۇ ئۇپۇقنىڭ چېتى.
    چۈشەر پەسكە مۇزلۇق ئېقىنلار،
    يىراقلارغا ئىنتىلگەن پېتى.

    بۇ جىملىقنى  بۇ ئۇز سۈرەتنى،
    تارتتىم قەلب تۆرىمگە تولۇق.
    قويدۇم ئاڭا مۇنداق سەرلەۋھە:
    تەبىئىيلىك ئاددىي ۋە ئۇلۇغ.

    تىلىكىم

    جەم بولدۇق يەنە سامپۇلسامپۇل  لوپ ناھىيىسىنىڭ يېزىسى.باغلىرىغا،
    ئۆزىمىز نورۇز تۇرۇپ، نورۇز دېدۇق.
    ئايازدىن ئامان ئۆتۈپ غەنى دەمدە،
    ئارزۇلار لوقمىسىنى يەنە يېدۇق.

    كۆڭلىمىز قىر ياپقان كۆك مايسىلاردەك،
    چېھرىمىز جۇلا قىلدى چېچەكلەردە.
    بۇ گۈزەل يۇرتقا  ئەھلى جامائەتكە،
    ئەكەلدۇق گۈل تولدۇرۇپ ئېتەكلەردە.

    بۇ سەپتە ئېيتقان نورۇز ناخشىمىزنى،
    ئاڭلىدى تاغۇ - دەريا قېنىپ - قېنىپ.
    بۇ ناخشا ئۈزۈلمىدى، پەسلىمىدى،
    قالمىدۇق ئېيتقان پەيتى ھەرگىز چېنىپ.

    شادلانساق  يايراش كۈيى ئېيتتۇق تەڭلا،
    غەملەنسەك  مۇڭغا تولدى ئاۋازىمىز.
    تاقىمىدۇق يالغان قانات - ياسىداق پەي،
    دەرمانغا تۇشلۇق بولدى پەرۋازىمىز.

    ھەممىنى ئويۇن دېدۇق - ئۆتەر دېدۇق،
    ئاداققى شۇ ئۆلۈمدىن باشقىسىنى.
    ۋەجى شۇ، پسەنت ئەتمەس - ھودۇقماستىن،
    ئېيتايلى يېڭى نورۇز ناخشىسى.

    بولساقلا ئامان - ئېسەن، شۇدۇر بەخت،
    كۆرىمىز، كۈلەلەيمىز بۈگۈنكىدەك.
    دوستلارغا، يۇرت ئەھلىگە تىلىكىم شۇ،
    ئېچىلغاي تىلەكلەردىن مىڭلاپ چېچەك.
    ئەسلەمسەن ۋاپادارىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.