مەخپىي كۆرۈنۈش(قۇربان ئابلىمىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 01:49:37

مەخپىي كۆرۈنۈشقۇربان ئابلىمىتۋەدە بېرىش ئاددىيلا بىر ئىش،يالغان دەيمەن.يىغلاپ تۇرۇپ بەرگەن ۋەدىنى،توشقانغا ئۇۋا بولماس قومۇشلۇق،قومۇشلۇقتا توشقان ئۆلۈكى.باھار قېچىپ چىقار باغلاردىن،ئېچىلغان...

    مەخپىي  كۆرۈنۈش
    قۇربان ئابلىمىت



    ۋەدە بېرىش ئاددىيلا بىر ئىش،
    يالغان دەيمەن.
    يىغلاپ تۇرۇپ بەرگەن ۋەدىنى،
    توشقانغا ئۇۋا بولماس قومۇشلۇق،
    قومۇشلۇقتا توشقان ئۆلۈكى.
    باھار قېچىپ چىقار باغلاردىن،
    ئېچىلغاندا ئۆرۈك چېچىكى.

    ئۇچراپ قالسا تۆت قۇلاق،
    بەخت يالغان كۈلدۈرەر مېنى.
    كۆزۈم ئەمەس،
    كۆرۈپ تۇرار يۈرىكىم سېنى.

    ماڭا ئەۋەتىلگەن خەت ئەمەس،
    مەندىن جاۋاب كۈتكەن سوئال ئۇ.
    ھايات مېنى كۈلدۈرۈپ،
    قىيناپ تۇرۇپ ئالار ئىمتىھان.
    ھايات،
    گۈل بەرگىدە ياتقان چاڭ-توزان.

    بەخت كۈلدۈرەلمەس مېنى.
    ھايات ئالدىيالماس مېنى،
    سەبىيلىك.
    قۇچىقىمدا ئويناپ ئولتۇرۇپ،
    كۈلدۈرىدۇ ئۈمىدلىرىمنى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.