ئىككى شېئىر(تۇيغۇنجان ئابدۇللا)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 08:45:07

ئىككى شېئىرتۇيغۇنجان ئابدۇللاسېنىڭ خالىڭسەندىكى شۇ يارىشىملىق خال،خىيالغىلا ئورىدى مېنى.ئۇنىڭ ئايسىز تۈندەك رەڭگىگە،تەسەددۇق قىلىمەن سۈزۈك ياشلارنى.ئۇنىڭ رەڭگى مېنىڭ بىلەندۇر،ئۆرتىنىمەن كۈن...

    ئىككى شېئىر
    تۇيغۇنجان ئابدۇللا


    سېنىڭ خالىڭ

    سەندىكى شۇ يارىشىملىق خال،
    خىيالغىلا ئورىدى مېنى.
    ئۇنىڭ ئايسىز تۈندەك رەڭگىگە،
    تەسەددۇق قىلىمەن سۈزۈك ياشلارنى.

    ئۇنىڭ رەڭگى مېنىڭ بىلەندۇر،
    ئۆرتىنىمەن كۈندە كۆرەلمەي.
    ئۇنىڭ ئىشقى مېنىڭ بىلەندۇر،
    قىينىلىمەن ئۇنى يېڭەلمەي.

    ئۇ - قەلبىمنى قىلدى مالىمان،
    قىزچاق نۇرلۇق كۆزۈڭدىن بەتتەر.
    ئۇ - ھىجراننى چىللىغان گۇگۇم،
    ئۇ - سۈكۈتكە ئۇرۇلغان خەنجەر.

    سەندىكى شۇ يارىشىملىق خال،
    ئوراپ مېنى تەگسىز خىيالغا.
    ئايلاندۇردى سېنى ئېڭىمدا،
    غايىۋانە ئۇماق ئايالغا.



    تېلېفون بەرگۈملا كېلىدۇ ساڭا


    تېلېفون بەرگىم كېلەر ساڭىلا،
    ھەر سائەت ۋە ھەربىر دەقىقە.
    مۇھەببەتنىڭ مىسكىن قۇشلىرى،
    كۈيلەر سېنى قەلبىمدە يەنە.

    يىغلاپ بەرمەك بولىمەن ساڭا،
    كەيىپ بولغان ئايدىڭدا جىمجىت.
    ناخشا ئوقىماق بولىمەن يەنە،
    خىيالىمغا قويىمەن چىكىت.

    سەن غەمسىز ھەم تېخى ئۇيغۇچان،
    ۋاقتىڭ يەتمەس يوقلاپ قويۇشقا.
    مەن مۇڭلىنىپ يۈرۈيمەن بۇندا،
    تاپالماستىن باھانە سەۋەب.
    قىزچاق ساڭا تېلېفون ئۇرۇشقا.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.