رەخىم ياسىن قاينامى:يىگانە ئادەم

يوللىغۇچى : kaynami يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-11 23:23:00

رەخىم ياسىن قاينامى:يىگانە ئادەم مىسلى قوياش چۆمگەن ئويلاردەك ياتار مەندە تەنھا بىر ئادەم... ئەسلىمىلەر يوقلىغان بولسا كىرپىك قاقماي چىققانسەن كۈلۈپ ياكى تەنھا مۇڭلارئىچىدە ئاپاڭ تىكىپ بەرگەن...

    رەخىم ياسىن قاينامى:يىگانە ئادەم

     مىسلى قوياش چۆمگەن ئويلاردەك
    ياتار مەندە تەنھا بىر ئادەم...
    ئەسلىمىلەر يوقلىغان بولسا
    كىرپىك قاقماي چىققانسەن كۈلۈپ
    ياكى تەنھا مۇڭلارئىچىدە
    ئاپاڭ تىكىپ بەرگەن يوتقاندا
    جمجىتقىنا قالغانسەن ئۆلۈپ...

     كەلمىسەكمۇ بۇ يەرگە قايتا
    ياتار ئىدىڭ ئۆيۈڭدە غەمسىز
    مەن چۈشەندىم سېنىڭ دىلىڭنى
    سەن ھىجرانغا باغلاپ بېلىڭنى
    روھ چۆلىگە يول ئاپتىكەنسەن
    ئەل چىمەننى خىيال قىلغۇچە
    سەن گۈللەرنى ئېپ كەپتىكەنسەن...
     مەجنۇن بولۇپ يېرىلساق چاك-چاك
    سەن لەيلىنى دوراپتىكەنسەن...

     كوچىلارنى ئايلانغۇم كەلدى
    چىن سۆزلەرنى قىلىپ سەن بىلەن
    مەيخانىلار ياتار ھالسىراپ
    ئەقىل بولماس ئۇيەردە تىرەن...

     كوچىلارنى ئايلانغۇم كەلدى
    سەنسىز ياپراق تۆكمەكتە ئېرەن...

     كوچىلارنى ئايلاندىم سەنسىز
    بەلكىم ياتقانسەن مەشۇغۇڭ بىلەن
    بەلكىم تۇغۇلمىغان بالىلىرىڭ
    ئويغاتماقچى بولغاندۇ سېنى
    تۇغۇلمىغان ئانىسى بىلەن...

    جىمجىت كەتمە جىمجىت ئازاپتەك
    سەھەر ئۆلۇم خەۋىرىڭ بولسا كۆتۈرۈلسۇن
    قوياشتەك ئوغلۇڭ ئاي بولسا ئاي يۈزلۈك ئايالىڭ يۇلتۇز بولسۇن
    ئوماق قىزلىرىڭ...


    ئۆلۈم جىنازا نامىزى

     ئۆلۈم بىلەن ئاۋات قەبرىستان...
    ياق!دوستۇم،ياق... ئۆزۈڭ تېخى بالا ئەمەسمۇ
    شەكىل ئۆزگەرتكەن ئىمىزگە بىلەن بەزلەۋاتقان ئۇزۇن تۈنلەرنى
    تاش قاتمىدەك تال چىۋىق بىلەن بېسىۋاتقان ئۇزاق يوللارنى... دەرىخا!

     بەلكىم جىمجىت قالغانسەن ئۆلۈپ
    ئاپاڭ تىكىپ بەرگەن يوتقاندا
    جىنازاڭ ئالدىدا يىغلار تەنھالىق
    قوياش كۈلۈپ تاڭلار ئاتقاندا
    سۈكۈت ئىچرە ئىڭرايدۇ زىمىن
    دۇستۇڭ يىغلاپ قوشاق قاتقاندا
    جىنازىمىز ئۇچار بىر كۈنى
    قوياش كۈلۈپ تاڭلار ئاتقاندا...

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:14:59]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يىگانە ئادەم