سېنى سېغىندىم

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-04 13:50:57

يۈرىكىمدىكى ساڭا: جېنىم سەندىن ئايرىلغان شۇ دەقىقىلەردە مەن ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ئالدىراش قىلىۋالدىم، ساڭا بولغان سېغىنىشىم شۇنچىلىك كۈچەيدى، سېنى سېغىندىم، يۈزلىرىڭنى سىلغۇم كەلدى، سەن بىلەن يې...

    يۈرىكىمدىكى ساڭا:

    جېنىم سەندىن ئايرىلغان شۇ دەقىقىلەردە مەن ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ئالدىراش قىلىۋالدىم، ساڭا بولغان سېغىنىشىم شۇنچىلىك كۈچەيدى، سېنى سېغىندىم، يۈزلىرىڭنى سىلغۇم كەلدى، سەن بىلەن يېتىلىشىپ ئوينىغان باغلار، سەيلىلەر مېنىڭ كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. ساڭا ئىچىم تارلىق قىلدى. سېنى مېنى ئويلىمايدۇ، قەلبىدىكى ئۇنى تاپقىلى كەتتى دەپ يىغىلىدىم، ئۆكۈندۈم. بىلمىدىم مۇشۇ دەقىقىلەردە سەن نېمىلەرنى قىلىپ يۈرگەنسەن؟  لېكىن ئەمدى كۆرىشەلمەيمىز، كۆرىشسەكمۇ بەلكىم بۇرۇنقىدەك ئەركىن ئازادىلىك بولمايدۇ. چۈنكى ئۆز-ئارا كۆڭۈل رەنجىدى. لېكىن مەن سېنى ئۇنتاي دەپ ئۇنتىيالمىدىم. سەنمۇ مېنى ئۇنتۇدۇڭمۇ؟ ئەجەبا مەن ......


    سەن كېلىپ چەككەن دىلىمنى ئاۋۋال،
    بىلدۈرۈپ سۆيگىنى بۇنىمۇ بىلۋال.
    يوقالدى نەرلەگە ئەركىلەپ يۈرگەن
    بەك خاراپ، بەك خاراپ مەندىكى بۇھال.


    خىيالى سۈرەتلەر كۆزۈمدىن يۈتمەس،
    ئويلىماي دېسەممۇ ئالدىمدا سۈرەت.
    يېنىشلاپ باقتىمغۇ  كىلەر يولۇڭغا،
    كەلمىدىڭ قارىدىم يولۇڭغا مىڭ رەت.


    كەلدىم  بۈگۈن بۇ جايغا ئەسلەپ مەن ئۇنى،
    لەۋلىرىمگە ھوزۇر بىلەن سۆيگەن شۇ كۈنى.
    قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمىدى قىلغان ھەر سۆزى،
    خىيالىمكەن« ھەي ئىسىت!»يىغلاپ مەن تۈنى.

    ئېرىماس يۈرەككە سالدىڭ بىر تال چوغ،
    زېمىستان قەلبىمدە باھار سەن كەبى.
    ئەسلىسۇن دېدىڭمۇ ئەمدى بولغاندا،
    جۇدۇندا ئۇشىغان يوپۇرماق كەبى.

    ئەگەر مەن سەن بىلەن ياشىسام بىر كۈن،
    نالە قىپ ئاللادىن تىلىدىم بۇنى.
    «ئىھ ئاللا، نىچۈن سەن ئۇچرىتىپ ئۇنى،
    تارتقۇزۇپ دىل ئازاپ نە سەۋەپ قېنى».

    سەن ماڭا چەككۈزدۈڭ يۈرەك ئازابى،
    تارتىپمۇ قالارسەن ۋىجدان ئازابى.
    بىز بىلەن كىملەردىن قالغانكەن دۇنيا،
    بىرىنىڭ بىرىدە قالماسكەن زادى.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر