شېئىرلار(مەخمۇتجان يانتاق)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-31 07:48:53

شېئىرلارمەخمۇتجان يانتاقتاش زامان ئادىمىتىترەپ تۇرىمەن يېغىپ تۇرار قارزامان بىزنى ئېقىتىپ بارار!نەدىسەن ئامرىقىم؟ بۇ كەمگىچە يوقغەملەرنى يانداپلا ئۆتۈپ كەتكۈم بار.ھېچكىمنى سۆيمىسەم دەيمەنغۇ...

    شېئىرلار
    مەخمۇتجان يانتاق



    تاش زامان ئادىمى

    تىترەپ تۇرىمەن يېغىپ تۇرار قار
    زامان بىزنى ئېقىتىپ بارار!
    نەدىسەن ئامرىقىم؟ بۇ كەمگىچە يوق
    غەملەرنى يانداپلا ئۆتۈپ كەتكۈم بار.
    ھېچكىمنى سۆيمىسەم دەيمەنغۇ ئاخىر
    ھېچكىشى سۆيمىسە ئېپكېتىمەن ھار!

    ھەممە يەردە تاش ئىزنالىرى
    تاش نان
    تاش ئىدىيە
    تاش پەلسەپە...

    تۆتىنچى قىز

    غايىپ بوپكەتكىنىڭ بەلكىم ھەقىقەت.

    ئاسمان بىلەن نۇر ئوتتۇرىسىدا
    چېچىڭنى تاراپمۇ قويمىدىڭ ئەركەم.

    ئادەملەر تاش ئارىسىدىن مارىلىماقتا
    ساڭا كۆيۈپ ئەسەبىيلىكى تۇتقاندا.

    ئەڭ شەخسىيەتچى گۇناھكار ھەركىم
    ئاپتاپ كەينىدە جان تالاشقاندا.

    مەن ئەقلىمدىن ئېزىپ قالىمەن...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.