ۋاقىت(رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)

يوللىغۇچى : ramizan يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-16 09:10:32

ۋاقىت(رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)تۇغۇلدۇم تەڭ ۋاقىت بىلەن ،ئۆمىلەپ،ئۆمىلەپ ھاردىم،باردىم بىر دەرۋازىغا،قارشى ئالدى مېنى گۈزەلياشلىق پەرىسى،مەپتۇن بولدۇم ئاڭا ھەممىدىن،كېپىنەكتەك ياكى شامالدە...



     

    ۋاقىت

    (رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)

     

    تۇغۇلدۇم تەڭ ۋاقىت بىلەن ،

    ئۆمىلەپ،ئۆمىلەپ ھاردىم،

    باردىم بىر دەرۋازىغا،

    قارشى ئالدى مېنى گۈزەل

     ياشلىق پەرىسى،

    مەپتۇن بولدۇم ئاڭا ھەممىدىن،

    كېپىنەكتەك ياكى شامالدەك ،

    كۆڭلۈم لەيلەر گۈللەر ئارسىدا،

    قونۇۋالدىم تۇيدۇرماي ئاستا،

    ياشلىق پەرىسىنىڭ چاچلىرىغا،

    بەھوزۇر ئايلاندىم گۈللەر ئارسىنى،

    قانغۇچە ھىدلىدىم گۈللەر ھىدىنى،

    گۈللەر بەرگىدىكى سۈزۈك شەبنەم،

    ئەسلىتەر مەن تۇغۇلغان تاڭ پەيتىنى .

    بىر چاغ زېرىكىپ سەيلە قىلىشتىن،

    قايتماق بولدۇم كەينىمگە ئاستا،

    ئەپسۇس...

    تاپالمىدىم كەلگەن يولۇمنى،

    ئۆچۈرۈپتۇ ۋاقىت ئىزىمنى،

    ئۆچۈرۈپتۇ ،ھەممە-ھەممىنى.

    تېڭىرقاپ قالدىم بىر مەھەل،

    ئۆمۈدۈم ئۆچتى شۇئان،

    كۆزلىرىمنىڭ نۇرىدەك خىرە،

    يورۇتالماس كۆڭۈل ئۆيۈمنى،

    ئەسلەپ قالدىم ياشلىق چېغىمنى،

    ئەسلىدىم مەن ئۈچۈن قەدىرسىزلەنگەن

    گۈزەل بېغىمنى.

    قايتماق بولدۇم كەينىمگە يەنە ،

    ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس،

    تاپالمىدىم كەلگەن يولۇمنى،

    ئۆچۈرۈپتۇ ۋاقىت ئىككىنىچى ئىزىمنى.

    كىچىككىنە ئۆمۈدكە بولۇپ خوجايىن،

    مېڭىپ ،مېڭىپ ھاردىم،

    باردىم بىر دەرۋازىغا،

    ئەمما مېنى قارشى ئالغىنى

    بولدى بىر قاقاس چۆللۈك،

    يىقىلدى بېشىمغا بىر تاغ،

    ئازابلار تىتمىلار يۈرەكلىرىمنى،

    پۇشايمان ۋە تەمتىرەش،ئاۋۇتار يۈرەك يارامنى.

    تېڭىرقاپ قالدىم يەنە بىر مەھەل،

    ئويلانماقچى بولۇپ ئۆزۈم توغرىلىق،

    ئەمما،ئەپسۇس بۇ نۆۋەت

    تاپالمىدىم ئۆزۈمنى،

    كۆرەلمىدىم بۇرۇنقىدەك

    گۈل يۈزىدىن ئەكسىمنى.

    ئاھ،ۋاقىت!

    قەيەرلەرگە چۆرىدىڭ ياشلىق گۈلۈمنى؟

    قايتۇرۇپ بەر ماڭا ھەممىنى.

    مەن ئازابنى،ئازاب مېنى يەۋاتقان شۇ چاغ،

    ۋاقىتنىڭ قولىدا كۆردۈم ئۆزۈمنى،

    يۇلقۇنۇپ بوشاندىم ئاخىر ۋاقىت قولىدىن،

    تېپىۋالدىم ئۆزۈمنى،

    تۇتقۇن قىلغۇچە مېنى ئازاب

    مۆكۈۋالدىم ۋاقىتنىڭ كەينىگە ئاستا،

    خالىمىغاچ بولۇشنى تېخىمۇ خاراب.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.