سەھرادىمۇ قونۇپ قوي

يوللىغۇچى : qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-27 12:24:02

ئەۋزەل دەيدۇ، بىر تونۇش تۈمەن تونۇشتۇرۇشتىن، مەيلى بولسۇن ناتونۇش، تونۇشۇپ قوي، تونۇپ قوي.

    سەھرادىمۇ قونۇپ قوي
    مۇھەممەدجان راشىدىن
    ئەۋزەل دەيدۇ، بىر تونۇش تۈمەن تونۇشتۇرۇشتىن،
    مەيلى بولسۇن ناتونۇش، تونۇشۇپ قوي، تونۇپ قوي.
    ئەتىمالىم، چۆرەڭدە يۈرگەنلەرمۇ يات ئەمەس،
    تونۇشتىمۇ تونۇش بار: كونا تونۇش بولۇپ قوي.
    نان زاۋۇتتىن چىقار، دەپ يۈرگەن بولساڭ خاتادۇر،
    بۇغداي كۆرسەڭ ئورۇپ قوي، خامان كۆرسەڭ سورۇپ قوي.
    ئالغان ئەمەس شەھەردىن ئەسلىي رىزقى-توپاڭنى،
    ئۆسكەن بولساڭ شەھەردە، سەھرادىمۇ قونۇپ قوي.
    ئەجەب ئەمەس سايىسى بىر كۈنلەردە ئەسقاتسا،
    كۈندە ماڭار يولۇڭغا بىر تۈپ كۆچەت قويۇپ قوي.
    ياخشىلارنىڭ دوستى بول، يامانلارنىڭ دۈشمىنى،
    قىزىلگۈللۈك باغلاردىن، تىكەن كۆرسەڭ يۇلۇپ قوي.
    جاھالەتنىڭ جانابى بوپقالمىسۇن قىزلىرىڭ،
    قاشلىرىغا ئانىجان، ئۆزۈڭ ئوسما قويۇپ قوي.
    چاۋاكلاردا ئەل ئۇرغان، ئامەت باركى، ئاپەت يوق،
    خيرىلىكتۇر ئاخىرى ئىككىلەنمەي ئۇرۇپ قوي.
    ساڭا زوقمەن باققانغا، تەبەسسۇمدا سېخىي بول،
    ھاجىتى يوق لەۋلەرنىڭ، يۈرىكىڭدە سۆيۈپ قوي.
    ھەق شامىنى كۆتۈرگەن قوللار كۆيمەي قالغانمۇ؟
    ھاياتىڭدا بىر قېتىم سەنمۇ، دوستۇم كۆيۈپ قوي.
    دەردمەن كۆڭۈل ئىزدەيدۇ تەسەللىلەر سېنىڭدىن،
    چۈشلىرىنى ئامال بار، ياخشىلىققا جورۇپ قوي.
    ئىشقى يوققا ئەگەشسەڭ، تۈگەشكىنىڭ شۇ سېنىڭ،
    ئۇنتۇلمىسۇن ئۆمرۈڭدە، بىرەر سورۇن قۇرۇپ قوي.
    تار كوچىدا تاراقلاپ ماڭغان ھارۋا خەتەرلىك،
    كەتسە دوستۇڭ تاراقلاپ، بىقىنىغا نوقۇپ قوي.
    ئون سەككىزمىڭ ئالەمنىڭ كۆز ئەينىكى كىتابتۇر،
    بۇ گەپلەردە سەھۋەن يوق، ئانچە-مۇنچە ئوقۇپ قوي.
    بىر كۈن ئاچسەن، بىر كۈن توق، بىر كۈن سۆڭەك، بىر كۈن لوق،
    گاھ كۈنلەرگە سۆيۈنسەڭ، گاھ كۈنلەردىن قورقۇپ قوي.
    ھۈنەرسىزدە ھۇزۇر يوق، ھۇرۇنلۇقتا ھالاۋەت،
    ئەڭ بولمىسا ئۆمرۈڭدە بىرەر سېۋەت توقۇپ قوي.
    نان بەر يەردە چاشقان بار، دان بار يەردە قۇزغۇن ھەم،
    بىخۇدلۇقتا بەخت يوق، سەنمۇ قاپقان قۇرۇپ قوي.
    تۇرخۇنىڭدىن چىققان ئىس ھەمكارلىقنىڭ جاكاسى،
    لەڭمەن سوزسا ئايالىڭ، يەڭلىرىنى تۈرۈپ قوي.

    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سەھرا