مۇزلىغان شەھەر(ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-15 01:23:08

  مۇزلىغان شەھەرئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۈرۈمچىنىڭ قىشى مۇزلاق كوچىنىڭ تاملىرى قىيسىق، مەھزۇن شەھەرنىڭ دەملىرى سىقىق . بۇلۇڭ – پۇچقاقنى قويماي چارلىدى – قىشىنىڭ ساقچىسى چېلىپ ئىسقىرىق . كۈننىڭ ئەسىرى يو...

      مۇزلىغان شەھەر
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


     

    ئۈرۈمچىنىڭ قىشى

     

    مۇزلاق كوچىنىڭ تاملىرى قىيسىق،

    مەھزۇن شەھەرنىڭ دەملىرى سىقىق .

    بۇلۇڭ – پۇچقاقنى قويماي چارلىدى –

    قىشىنىڭ ساقچىسى چېلىپ ئىسقىرىق .

     

    كۈننىڭ ئەسىرى يوق، ھاۋا تۇمانلىق،

    يەرلەر تىترىشۇر، مۇزلىغان جانلىق .

    ھەر نە شادلىقنىڭ جۇدادۇر ھايات،

    ئاڭلىنار ھەر ئۈن مۇڭلۇق، پىغانلىق .

     

    كۆزلەر غەزەپلىك، قاپاقلار تۈرۈك،

    ھاياتنىڭ دېمى سىقىق ۋە ئۈزۈك .

      مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىرلاپ

    ئاچچىق ئۈن بىلەن چالاتتى گۈدۈك .

     

    تۇرخۇن تۈۋىدە يىرتىق كۆن ئۆتۈك،

    چورۇق تىترەيدۇ تاپىنى تۆشۈك .

    مەسۇم گۆدەكلەر چىرايى سېرىق،

    قوللار سۇنۇلغان، بويۇنلار بۆكۈك .

     

    دوقمۇش – دوقمۇشتا چولاق كەتمەنلەر،

    دوغدىيىپ يۈرگەن يىرتىق چەكمەنلەر .

    پارچە نانغا زار، تېلىققان كۆزلەر،

    چەرخلىرى سۇنۇق يەمسىز تۈگمەنلەر .

     

    مۇزلارمىش شەھەر، مۇزلارمىش ھېسار،

    قوۋۇقلار سۇنۇق، كونا بىر مازار .

    شەھەر ئۈستىدە لالما بۇلۇتلار

    ئوزۇق ئىزدىشىپ قىلىدۇ شىكار .

     

    كۆزلەر غەزەپلىك، قاپاقلار تۈرۈك،

    ھاياتنىڭ يىپى ئۇلاق يا ئۈزۈك .

    مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىرلاپ

    ئاچچىق ۋارقىراپ چالىدۇ گۈدۈك !

     

     

     

    -1946 يىل 5-دېكابر ئۈرۈمچى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر