ئىككى شېئىر(تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-01 23:27:57

ئىككى شېئىرتۇرسۇننىياز توختى ئوغۇزكېچىدە قايتىشجىلمىيىدۇ سۈكۈتتە خىيال، بارماقتىمەن ياتاققا يالغۇز. قۇشلار ئۆلگەن... كۆكتە ھەم بۇندائوخشاپ قالغان تاشلارغا يۇلتۇز. مۇڭداشسىراپ كەتتىم شۇ قەدەرت...

    ئىككى شېئىر
    تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز



    كېچىدە قايتىش

    جىلمىيىدۇ سۈكۈتتە خىيال،
    بارماقتىمەن ياتاققا يالغۇز.
    قۇشلار ئۆلگەن... كۆكتە ھەم بۇندا
    ئوخشاپ قالغان تاشلارغا يۇلتۇز.
    مۇڭداشسىراپ كەتتىم شۇ قەدەر
    تەقىپلەنگەن قۇشمەن ئىچىمدە.
    بۇندا ئىشىك، دېرىزە، يۈرەك
    بەكمۇ مەھكەم قويۇلغان تاقاپ.
    يۇلۇپ سېلىش مۇمكىن كېچىنىڭ،
    چاچلىرىدىن تۇتقانچە قاماپ.

    بارماقتىمەن ياتاققا.
    شۇندا —
    بەرىبىر تۈن باسقان ئۇ يەرنى،
    قەلبىمدىن كۆپ يىراقتا بىر ئۆي،
    بەلكى ئېچىپ قويۇلغان كەڭرى.

    سۆيۈش جىلغىسى

    تىترەيدۇ كىرپىكىم ئۇچىدا بۇ تۈن،
    شۇقەدەر تەنھالىق ئۈزەر يوللاردا.
    يالقۇندەك پارلىنىپ تۇرغان بىر جۈپ كۆز،
    مەڭگۈلۈك قۇش بولۇپ ئۇچار قېنىمدا.

    سۈكۈتكە كۆمۈلۈپ تۇرار دەرەخلەر،
    ياش بولۇپ ئاقماقتا ھىلالنىڭ تېنى.
    ۋۇجۇدۇم سېغىنىپ تۇرماقتا بۇدەم
    ئېھ، تېنىڭ يېرىلغان چەكسىز كېچىنى.

    سەن يېقىن شۇقەدەر،
    ھەم يىراق شۇنچە
    يالقۇنلار مەۋجىدە تۇرىسەن كۆيۈپ.
    ئەگەر سەن چۈشۈمگە كىرمىسەڭ روھىم —
    سەھەردەك قان قۇسۇپ كېتىدۇ ئۆلۈپ.

    تىترەيدۇ دەرەخلەر، يوللار ۋە ۋاقىت،
    تەنھالىق تولىمۇ سوزۇلغان يىراق.
    ئەۋجىمدە نۇر بولۇپ سەنكى، مەلىكەم
    كۇمپەيكۇم تۈنىمگە ياقىسەن چىراغ...!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.