ئىككى شېئىر(مۇختەر داۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-02 01:55:26

ئىككى شېئىرمۇختەر داۋۇتشېرىن خىيال1جىمجىت، ئاپئاق ناتىۋان چۈشتەك، قانلىرىمغا سىڭىسەن ئۈنسىز. تۈن تارايدۇ، يۇيۇلىدۇ قانئاراچلاردىن قىسىلىپ ئۆتۈپ، كىرىپ كەلدىڭۋۇجۇدۇمغا نام ۋە نىشانسىز. تونۇش ...

    ئىككى شېئىر
    مۇختەر داۋۇت


    شېرىن خىيال

    1

    جىمجىت،  ئاپئاق ناتىۋان چۈشتەك،
    قانلىرىمغا سىڭىسەن ئۈنسىز.
    تۈن تارايدۇ،  يۇيۇلىدۇ قان
    ئاراچلاردىن قىسىلىپ ئۆتۈپ،
    كىرىپ كەلدىڭ
    ۋۇجۇدۇمغا نام ۋە نىشانسىز.

    تونۇش ئەمەس ئاۋازىڭ سېنىڭ،
    مۇڭلىرىمنى سۈمۈرمەكتە مەي.
    ئۇنتۇلدى بۇندا
    مېنى قوينىغا ئالغان،
    جىمجىت دەرەخ،  جىمجىت تاش ئورمان.
    كېلەڭسىز ساي سوزۇلۇپ ياتقان
    يىڭناغۇچلار پىرىلداپ قاچقان.
    سوۋۇپ قالغان تەمسىز تاماقتەك
    ئۇنتۇلماقتا ھەممە - ھەممىسى.

    ئالىقىنىڭدا تۈن دەرەخلىرى،
    ئىزدەپ يۈرەر يىلتىزلىرىنى.
    سېغىنماقتا باھار ئۆزىنىڭ
    رەڭدار،  يەڭگىل ياپراقلىرىنى.

    2

    كۆيگىن جىمجىت،  ناخۇش يۈرىكىم
    كۆيسۇن بۇندا كائىنات،  ئاسمان.
    پايانسىزدۇر بۇ كۆيۈش دېگەن،
    كۆيۈش قىيىن،  كۆيۈش ئالىمان.

    نېمە بەردىڭ؟
    ۋۇجۇدۇمدا ئەسەبىيلىك قۇترايدۇ تىنماي،
    تىنىقلارنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن،
    قارىچۇقلارنىڭ سويۇلۇشىدىن،
    بىر لەزىز كۈي قەلبىمگە سىغماي
    تاشىدۇ
    نىگاھلارنى يالماپ يۇتىدۇ.
    سېنىڭ ئاشۇ سوغۇق قانلىرىڭ،
    جاندىن ئۆتۈپ،  جاندىن پۈتىدۇ.

    مەۋجۇتلۇقىڭ ئايان ۋە لېكىن
    كۈتەلمەيمەن سېنى زارىقىپ.
    سېنى كىشەن دېسەممۇ،  ئەمما
    قاچالمايمەن نېچۈندۇر چېقىپ.

    كۈلىسەن،
    تۈن دەرەخلىرى
    قاراڭغۇ تۈن قوينىغا كەتكەندەك سىڭىپ.
    ئۇ ۋە مەن،  ھەم يەنە سەنمۇ بار
    شۇ ناتىۋان دەرەخ ۋە كۈلكە
    پەشلىرىمگە
    كەلمەكتىمىز بىراق ئېسىلىپ.

    3

    ئوخشىمايسەن بۇندا ھېچكىمگە
    سۇغا،  تاشقا ياكى دەرەخكە.
    يۇمشاق يوتقان ياكى بىر ئۆيگە.
    مەڭگۈ تىنچ تۇرغان سۈكۈتكە.
    ئوخشاپ قالدىڭ ئەمما مېنىڭلا،
    قەلبىمدىكى مۇڭلۇق بىر كۈيگە.

    كىچىككىنە بۇ تاش شەھەردە،
    پەرىزىمچە
    سېنى تونۇش چۈشمەس ئاسانغا.
    ئوخشاپ قالساڭ نېمە دېگۈلۈك،
    گاھىدا
    قېرىغاندا تايىنىدىغان ئاشۇ ھاسامغا.
    مىليون يىللار يېزىپ پۈتمىگەن،
    ئاياغلاشماس ئۇزۇن داستانغا.

    قەلبىمدىكى مۇڭلىرىم
    ئايلانماقتا ماركىغا.
    ئۇ ۋە مەن،  ھەم يەنە سەنمۇ بار
    خەت يازايلى ھەدە - سىڭىل،  ئاكا - ئۇكىغا.
    تاغ - تاشلارغا،  ھەتتا بانكىغا
    دەريا - كۆللەر،  ئۇلۇغ ئوكيانغا.
    كائىناتقا ھەمدە ئاسمانغا.
    سوغۇق قانلار ناتونۇش،
    ماركىلارغا ئايلىنىپ
    تومۇرىغا سىڭسۇن ھەممىنىڭ.

    سېغىنماقتا باھار ئۆزىنىڭ
    ئەڭ سۆيۈملۈك يىلتىزلىرىنى.

    ناتونۇش ئايال

    سەندىكى لىغىرلاپ تۇرغان شۇ بەدەن،
    ئېرىمەكتە
    يۈرىكىمگە شام بولۇپ.
    ناتونۇش بۇ تىلسىم ئاراچلىرىدا
    كۆيمەكتە يېلىنجاپ خىيال ۋە خىيال.
    تېنىمدە ئۆمىلەر ئەنە سەكسەن پۇت،
    ئەڭ دەھشەت سادالار ئېلىپ قوينىغا.
    بالقىپ كېلەر تىلسىملاردىن يىرتىق ئاراللار
    پارتلاشقا ئازلا قالغان بىر ماگما گويا.

    يۇيۇنۇپ چىقىدۇ سۈكۈنات بۇندا،
    تونۇش ئەسلىمىلەر ھور مۇنچىسىدا.
    ئىشىك،  تۆت تام،  پول ۋە دېرىزە،
    كىنايىلىك قارايدۇ كۈلۈپ.
    ۋاقىت كۆيەر ۋاقىت ئىچىدە.
    تورۇس گويا ئازابلىق بىر تاغ،
    چېچەكلەيدۇ تولغان كۆكسۈڭ توپچىسى
    گۈلدەك غۇچچىدە.

    ئاي نۇرىدا
    يالتىرايدۇ جىمىكى سۈكۈت.
    يالىڭاچلىنار سۇيۇق ئەسلىمە.
    ناتونۇش،  ناتونۇش،  مەڭگۈ ناتونۇش...
    شەھۋەت بوسۇغىسىدا
    ھەممە نەرسە ساڭا ئەسلىمە.

    قەلبىمدە يېقىنلاپ كەلمەكتە ساڭا،
    گۈل تۇتۇپ تىنىمسىز نۇرانە ئارال.
    پەقەت شۇ مەۋجۇتلۇق،  شور باسقان ۋۇجۇد،
    ياشلىق جۇشقۇنلۇقىنى قىلىدۇ قامال!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.