زامان ئەينىكى

يوللىغۇچى : hilali يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-29 19:29:00

زامان ئەينىكىمېڭىۋىتىپ...خىياللار ئۇرىدۇبولۇپ مەيىن شامال.غۇۋا سوئالسوراپ يوچۇن غىل-پال.مېڭىۋىتىپ...سىتولبا كالتەك ئۇرۇپقىلدى سەگەك.ئۆز - ئۆزگىنىمنى ئوڭشاپكۆردۈم ئەينەك.ئەينەك ئىچىدىنمېڭىشىپ مو...

     

    زامان ئەينىكى

    مېڭىۋىتىپ...
    خىياللار ئۇرىدۇ
    بولۇپ مەيىن شامال.
    غۇۋا سوئال
    سوراپ يوچۇن غىل-پال.

    مېڭىۋىتىپ...
    سىتولبا كالتەك ئۇرۇپ
    قىلدى سەگەك.
    ئۆز - ئۆزگىنىمنى ئوڭشاپ
    كۆردۈم ئەينەك.

    ئەينەك ئىچىدىن
    مېڭىشىپ مودا قىزلار
    ئەركەك توسۇپ
    تاكسى توسۇپ.
    ئىككەيلەن كەينىدىن
    ئېسىلىپ بوينىغا
    ساغرىنى سۈركەپ
    ئەۋرەتنى سۈركەپ.

    چۆچۈپ ئۇۋلاپ كۆزۈمنى...
    يۈزۈمنى...بىشىمنى...
    روھىمنى...
    جۇغۇلداپ ئىمان.
    ئەينەكتىن 
     قىزىمىز
      مىللەت
    ئانا ئەۋلاد
    ئاقىۋەت يامان.
    ئىختىيارسىز
    قوللۇرۇم جۈپلەشتى
    دۇئايىم
    ئىھ رەببىم كۆردۈڭمۇ،
    ئىھ رەببىم بەرگەيسەن
    شەرمى- ھايا
    ئىمان!

    شۇئان جاراڭ - جۇرۇڭ
    قىلىپ زىمىندا،
    كىمدۇر دېگەندەك قاراڭ
    ھاياسىزلار يېنىمدا.
    ئاھ خۇدا...
    قۇتقاز مېنى،
    قۇتقاز مىللەتنى،
    قاچ!قاچ!قاچ!
    شۇئارمۇ ئەمدى.
    ئەسلى چېقىلغان
    سىنئەينەك ئىكەن،
    ئەسلى كۆرسەتكەن
    زامان ئەينىكى.



    ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﻣﻪﻥ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق