ئاشىق قىسمىتى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-31 13:53:44

ئاشىق قىسمىتىتىڭشاپ باقساڭ يارنىڭ نالىسى،يۈرەكىڭنى ئەزمەمدۇ نىگار،ساڭا كۆيۈپ يۈرگەن يۈرەك بۇ،شۈبھىلەنمە بۇنىڭدىن زىنھار.پاك سۆيگۈمنى بەرگەنتىم ساڭا،نېچۈن يەنە كەتتىڭ سەن تاشلاپ.بىر مەھەللىك...



     

    ئاشىق قىسمىتى

     

    تىڭشاپ باقساڭ يارنىڭ نالىسى،

    يۈرەكىڭنى ئەزمەمدۇ نىگار،

    ساڭا كۆيۈپ يۈرگەن يۈرەك بۇ،

    شۈبھىلەنمە بۇنىڭدىن زىنھار.

     

    پاك سۆيگۈمنى بەرگەنتىم ساڭا،

    نېچۈن يەنە كەتتىڭ سەن تاشلاپ.

    بىر مەھەللىك كۈلگەن باغچامغا،

    قويۇپ كەتتىڭ ئازابنى باشلاپ.

     

    ئۆچ بولۇپ كەتكەن بولساڭمۇ ماڭا،

    يۈرىكىمنى قىلمىغىن زېدە.

    ئۇنتۇپ قالما ئاشىق يۈرەك بۇ،

    بىر ساڭىلا قىلغان ئەقىدە.

     

    قىلدى ئەللەر سۆز-چۆچەك شۇندا،

    ئىكەن يايرىڭ ئەجەپ بىۋاپا.

    بوپتۇ يايرىم سەنلا كۈلۈپ كەت،

    مەن تارتساممۇ ئالەمچە جاپا.

     

    شۇنداق ئىكەن ئاشىق قىسمىتى،

    سۆيگەن ياردىن قالماق ئايرىلىپ.

    مەيلى يايرىم بەخىتلىك بولغىن،

    يۈرمە ئەمدى مىسكىن سارغىيىپ.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئاشىق قىسمىتى _