شېئىرلار(قۇربان ئابلىمىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-02 01:44:27

شېئىرلارقۇربان ئابلىمىتۋاقىت سىماسىگۈل بولۇپ ئېچىلدى باھارنىڭ ھۆسنى، رېئاللىق ئالدىمدا تۇرار دىۋەيلەپ. ياغماقتا سىم-سىم باھار يامغۇرى، يامغۇر قەلبىمنىڭ ئەينەن تەسۋىرى. ۋاقىت سۆزلەيدۇ ئۇيغۇر...

    شېئىرلار
    قۇربان ئابلىمىت



    ۋاقىت سىماسى

    گۈل بولۇپ ئېچىلدى باھارنىڭ ھۆسنى،
    رېئاللىق ئالدىمدا تۇرار دىۋەيلەپ.
    ياغماقتا سىم-سىم باھار يامغۇرى،
    يامغۇر قەلبىمنىڭ ئەينەن تەسۋىرى.

    ۋاقىت سۆزلەيدۇ ئۇيغۇر تىلىدا،
    تۆت پەسىل باغلىغان پۇتۇم-قولۇمنى،
    بۈگۈن،
    يەر شارىنىڭ كۈندىلىك گېزىتى،
    ئوقۇيمەن ئۇنىڭدىن،
    ئۆتمۈشكە ئايلىنىۋاتقان يېڭى خەۋەرنى،
    بۈگۈن،
    غەم دېڭىزدىكى كېمە،
    قۇياش ئولتۇرۇپ ماڭغان غەربكە.
    مەن يالغانچى
    قارشى چىقالمىغان ئۆزىگە.

    ۋاقىت،
    خىيالىمدىكى يالىڭاچ بىر تەن،
    كۆزلىرىمگە كۆرۈنۈپ يۈرگەن.

    يەتتە قىتئە،
    يەتتە كەتمەن توپا،
    ئېسىمگە كەلدى ئاخىر ئاستا-ئاستا.

    كۆزۈمدىكى كېچە

    كۆزۈمنى يۇمۇپ قارىسام،
    دۇنيا تولدى قاراڭغۇلۇققا.

    دادام ۋە ئانام،
    بەختسىزلىك ئىچىدە تۇرۇپ،
    ماڭا بەخت تىلىگەن.
    مەن،
    تەڭ كېلەلمەي ئۆزۈمگە،
    ئۆلۈۋېلىشنى كۆزلىگەن.

    قۇياش،
    داغلانغان بىر كۆڭۈلدۇر،
    ئۆتمۈشلىرى تاشقا ئايلانغان.
    مەن گۇناھكار بىر بەندە،
    تاش شەھەرگە پالانغان.
    ئىزلىرىم،
    يوللىرىمغا سېلىنغان بەلگە،
    ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن ئادەملەرگە.

    كېچە ئۇخلاپ قالغاندا،
    قەلىمىم باشلىدى ئىبادەتنى،
    پىچىرلاپ ئەپسانە-رىۋايەتنى.

    ياز پەسلى

    بىر ھامىلىدار ئايالدۇر بۈگۈن،
    ئەتە ئۈچۈن قورساق كۆتۈرگەن.
    ئەتە،
    ئوغۇل،  قىز تۇغۇلۇشنى بىلمىگەن دادا.
    ئۆگۈن،
    ئۈچ كۈنگىچە ئىسىم قويۇلمىغان بالا.
    توققۇز ئايدا پىشىدۇ بۇغداي،
    توققۇز ئاي ئۈمىدكە ئېرىشەر دېھقان،
    بىر كۆزى ياش،  بىر كۆزىدە قان.

    ياز پەسلى ئۈزۈم پىشقىچە ئىمىش،
    ئۈزۈم پىشماستىن پىشار ياز پەسلى.
    كۈن ئۇزارغاندا،
    بارماقلارنى سانايدۇ بالا،
    بىر ھەپتە توققۇز كۈن بولۇپ قالغاندەك.

    يىلاندەك ئاپتاپتا ياتقان يوللاردا،
    بالىلار قىپيالىڭاچ ھالدا،
    بۇغداي ئۇنىدەك يۇمشاق توپىدا،
    لاي ئۆي،
    لاي ئادەم،
    لاي توقاچ ياساپ،
    ۋارقىرايدۇ تونۇش ئاۋازدا.

    ئاخىرقى بىر سۆز

    ئوتتۇز ئىككى ياشقا كىرگەن كۈنۈمدە،
    كىتابقا ئايلاندى ئايالىم،
    دۇنياغا كۆز ئاچقان ئوغلۇم كۆزىدە.

    پەلسەپە،
    ئوتتۇز ئىككى ھەرپ،
    سىرلىرىمنى بىلىپ قالدى،
    شېئىر يازدىم سوغۇق تەر بېسىپ،
    كۆزلىرىم تۇرقۇمدىن گۇمانلاندى.
    تەبىئەتكە قاراپ خىيالچان،
    ساراڭدەك خاتىرجەم ۋارقىرىدىم بىردىن
    مەن ساراڭمۇ؟ دەپ،
    سورىيالمىدىم لېكىن ھېچكىمدىن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.