شام نۇرى(قۇربان ئابلىمىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 09:14:16

شام نۇرىقۇربان ئابلىمىتكۆيمەكتە شام، كۆيمەكتە يۈرەك،بىر ئايالنىڭ گۈزەل تېنىدەك.ئۆيۈمدىكى دەللال تېلېفون،دەپ قويۇپتۇ ئايالىمغا ھەي.يىراقتىكى بىر قىزنىڭ،قەلبىمدىكى مەخپىيىتىنى.يۈزى قېلىن...تىلل...

    شام نۇرى
    قۇربان ئابلىمىت



    كۆيمەكتە شام، كۆيمەكتە يۈرەك،
    بىر ئايالنىڭ گۈزەل تېنىدەك.

    ئۆيۈمدىكى دەللال تېلېفون،
    دەپ قويۇپتۇ ئايالىمغا ھەي.
    يىراقتىكى بىر قىزنىڭ،
    قەلبىمدىكى مەخپىيىتىنى.
    يۈزى قېلىن...
    تىللىماقتا ئايالىم مېنى.

    سوغۇقچىلىق چۈشتى ئارىغا،
    ئىككى بالا قالدى ماڭىلا.
    ئېشىپ قالدى ئوخشىمىغان تاماق،
    توختاپ قالغان يېزىقچىلىقتەك،
    ئۆيدە خۇددى ھېچكىشى يوقتەك.

    كەلدى يەنە ئايالىم،
    چىدىماستىن ئىككى بالىغا.
    بالىلىرىم ئالدى ئارىغا،
    مەندىن ئەپۇ سورىدى يەنە،
    ئۆي ئىچىگە، قاراپ ھالىمغا.

    دەيتتىم ھەمىشە،
    ئاياللارنىڭ خۇشاللىقى ئەر.
    ئايال،
    خۇشاللىقى ئىكەن ئۆيلەرنىڭ،
    خۇشاللىقى ئىكەن ئەرلەرنىڭ.

    كۆيۈپ تۇرار بىر تال شام،
    چېچىپ تال - تال ئۈمىد نۇرىنى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.