دېرىزىنىڭ سىرتىدا(3)

يوللىغۇچى : mahpullatursun يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-24 02:11:00

دېرىزىنىڭ سىرتىدا (3) نەزەر سالساڭ باشقىچە ئالەم ، ئۈرۈمچىنىڭ تاشلىق مەھەللىسى. شۇ تاشلىقتا ياتسا بوۋىسى ، بىلمەي دەسسەپ ئوينار نەۋرىسى . نەزەر سالساڭ باشقىچە ئالەم ، شۇ تاشلىقتا تالايلىغان ئىز...

     دېرىزىنىڭ سىرتىدا

    (3)

        نەزەر سالساڭ باشقىچە ئالەم ،
    ئۈرۈمچىنىڭ تاشلىق مەھەللىسى.
    شۇ تاشلىقتا ياتسا بوۋىسى ،
    بىلمەي دەسسەپ ئوينار نەۋرىسى .

     

     نەزەر سالساڭ باشقىچە ئالەم ،
    شۇ تاشلىقتا تالايلىغان ئىز .
    دەرىزىدىن باقار ھېسسىياتسىز،
    قەلبى تاشتەك قېتىپ كەتكەن قىز.

    نەزەر سالساڭ باشقىچە ئالەم ،
    تاشلىق دالا، تاشتا سالغان تام.
     تېنىمەستىن تاپار دەۋزەخنى ،
    زەھەر چەككەن يىگىتلەر قارام.

     نەزەر سالساڭ باشقىچە ئالەم ،
    كېچە تۈنى ئىشلەر ئاتىسى .
    ئۇ بىلىدۇ ، توختاپ قالسا ئاھ!
    ئوقىشىدىن قالار بالىسى .

     شۇنداق ھايات ،
    شۇنداق بىر ئالەم چۆمۈلىدەك مىدرايدۇ ئادەم .
    ھېچكىم كىرمەس باغاق يازمىساڭ ،
     گەر ئۆيۈڭدە بوپقالسا ماتەم .
    تاشلىق شەھەر، تاشلىق مەھەللە،

     نەزەر سالساڭ باشقىچە ئالەم .
    كىرىپ كېتەر ئۈنسىز قەبرىگە،
    تونۇشماستىن مىڭلىغان ئادەم .
    نەزەر سالساڭ باشقىچە ئالەم ،

    بۇ شەھەرنىڭ ھەر بىر مەھەللىسى.
    ھەر دەرىزە پۈتۈن بىر ئالەم ،
    ئاھ خەيىرلىك بولغاي ئەتىسى ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دېرىزىنىڭ سىرتىدا