كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە بارىدىغان يول
ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان
سۆيگۈنى ئاتايمەن تاتلىق تىلىڭدا،
سېزىمەن ھەم يەنە قەلبىڭدە سېنىڭ.
تۇتساممۇ ئاھ ئۇنى يۇمران قولۇڭدا،
يۈرىكىم يېرىلىپ كەتمەكتە مېنىڭ.
مۇھەببەت-يىراققا سوزۇلغان ئورمان،
ئورماننى قۇچاقلاپ تۇرماقتا ئۇپۇق.
مەن-شامال، يەلپۈسەڭ يوپۇرماقلارنى،
سەن گويا ئۇپۇقنى سۈرۈپ ئۆتكەن ئوق.
ئۇپۇقتىن ئۆتكەندە كۆرۈنەر بىزگە،
كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە بارىدىغان يول.
شۇ يولدا ئۇچرىشىپ يەنە ئايرىلىپ،
قاراڭغۇ ئورمانغا قايتارمىز ئۇدۇل...
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.