قاسىمجان ئوسمان شېئىرلىرىدىن

يوللىغۇچى : qasimjan يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-07 08:58:31

سەن تەرەپكە ئېقىۋاتىمەن تاغنىڭ ئارقىسىدىن كەلدىم سەندىن چىقىپ سەن تەرەپكە ئېقىۋاتقان سۇدەك ،تاشلاردەك. بۇ تەرەپكە ئۆتۈپ كۆز يېشى قىلمىدىم مېڭىپ-مېڭىپ يەنىلا ئۇ تەرىپىڭنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ قاپتىمەن...

    سەن تەرەپكە ئېقىۋاتىمەن
     
    تاغنىڭ ئارقىسىدىن كەلدىم
    سەندىن چىقىپ سەن تەرەپكە ئېقىۋاتقان
    سۇدەك ،تاشلاردەك.
    بۇ تەرەپكە ئۆتۈپ كۆز يېشى قىلمىدىم
    مېڭىپ-مېڭىپ
    يەنىلا ئۇ تەرىپىڭنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ قاپتىمەن،
    مېنى بەزلەۋاتقىنى ياكى ھېسلىرىمنىڭ ئاقلىقىدىكى
    تۇيغۇمنىڭ ئارقىسى دەپ ھېس قىلغىنىم
    يەنىلا بۇ تاغلىرىڭىنىڭ باغرى ئىكەن،
    سۈكۈتتەك ئېغىر تاغ تاشلىرىغا يۆلەندىم .
     
    نە ئۈچۈن ئېرىۋاتقىنىمنى خىياللاردەك
    بىلىش ئۈچۈن تاغ قاراڭغۇسىغا بۆلەندىم.
     
    بۇ تەرەپنىڭ ئىچكىرىسىدىكى سادالاردىن
    مەن ئۈچۈن ھاياتنى سۆيۈشنى ئاڭلاۋاتقان پەيتلەردە
    چاچلىرىڭدىن تاراۋاتقان ئەسلىرىڭنى
    كۆيۈش قىزغىنلىقىدىكى ئاقىرىشىڭدىن كۆردۈم.
     
     
    بۇ ئاقلىق ئىچىدە
    جىلغىلاردىن چېقىۋاتقان چاقماقنى، يامغۇرنى
    چىمەنلەرنى،قاپتاللارنى ،تىك قىيالارنى
    قەلىب خەرىتەمگە ئېلىش ئۈچۈن
    تېغىمىزنىڭ ئىچىنى كەزگەنلىكىم ئېسىمگە كەلدى.
     
     
    مېنىڭ ئىزدىگىنىم
    تاغ ئىچىدە ياكى تېشىدا ئەمەس، دېدىم
    كىمگە شۇنداق دەۋاتقانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيۋاتقان
    ھارغىنلىق تېشىدا ئولتۇرۇپ
    كۆككە باقتىم، كۆك ئىدى باغرىڭ
    مەن يوق يېرىگە
    يامغۇردەك شارقىراپ ياغدىم.
    خوشلىشىش بايرىمىدەك مەيۈس ھالىڭغا
    كۆز يېشىدەك سىمىلداپ ئاقتىم...
     
    2009-يىل سېنتەبىر،كورلا

    كېچەڭنىڭ  ھۆل يەرلىرىدە
     
    تاش بىلەن تاش  بىرى بىرىنى ئىزدەيدۇ
    قەدىم-قەدىم زامانلاردا
    ئىككى جايغا چۈشكەن كارۋاندەك.
    قىرىق يىلدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھىجران
    قىرىق يىلغىچە ئالمىغان قىساس
    بارا-بارا سۇسلايدۇ
    تاكى بىر ئەر
    ياكى بىر گۈزەل
    تەقدىرى قېتىلىپ باللىرىغا ئېيتىپ تۇرمىسا...
    سەن مېنى ساقلىدىڭمۇ
    بۈگۈن كەچكىچە
    تۆت يىل بولغان تۇنۇشقان كۈنگە
    ياپراقلىرىڭنى يېشىل پېتى ئېلىپ كەپسەن
    شەبنەملىرىم پىشقان مېنىڭكى
    كېچەڭنىڭ ھۆل يەرلىرىدىن
    ئۇيقۇڭ يۈتەر ئەمدى سېنىڭكى.

    يەنە تۆت يىل ئۆتۈپ كېتەرمۇ
    قىرىق يىلغا كىرىپ كېتەرمۇ
    سەن ئۇچاغدا سارغىيىسەن
    مەن دەرەختەك مۈكچىيىمەن
    پىچىرلىدىڭ:
    ئىككىمىز ئىككى تاش
    ئىككى يەرگە چۈشكەن كېچىدەك
    مەڭگۈ ئۇچراشماس...
     
    2010-يىل 28-ئىيۇن، قەشقەر
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.