يۈرىكىم سۇ(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : chimengul يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-01 00:00:00

يۈرىكىم سۇچىمەنگۈل ئاۋۇتپەشتاقتىن ئاۋايلاپ چىقىۋاتىمەن،لېفىتنىڭ ئىشىكىدە تۇرغۇم كەلمىدىيامغۇردا ھۆل بولغان نەمخۇش چاچلىرىم،ئورماندۇر ئاھ لېكىن بۆرە كەلمىدى.سومكامنىڭ بېغىنى چىڭ تۇتقان قولۇم...

    يۈرىكىم سۇ
    چىمەنگۈل  ئاۋۇت

     

     

    پەشتاقتىن ئاۋايلاپ چىقىۋاتىمەن،
    لېفىتنىڭ ئىشىكىدە تۇرغۇم  كەلمىدى
    يامغۇردا ھۆل بولغان نەمخۇش چاچلىرىم،
    ئورماندۇر ئاھ لېكىن بۆرە كەلمىدى.

     

    سومكامنىڭ بېغىنى چىڭ تۇتقان قولۇم،
    ئىسسىق بىر تىترەكنى قالماقتا تۇيۇپ.
    ئەتىرگۈل شېخىغا ئوخشايدۇ كۈلەر،
    مەن بەلكىم ياشايمەن تىكەنلا يۇلۇپ.

     

    لېۋىمنى بوش چىشلەپ ئالدىممەن نەپەس،
    تاملارغا قاراشتىن قوقتۇم ئۆزەمچە.
    ئويلۇدۇم كۆزۈڭنىڭ زۇلمەتلىرىنى،
    سەھەر ئۇ ھەرگىزمۇ ئەمەستۇر كېچە.

     

    نەچچىنجى قەۋەتكە چىقتىمكىن ھازىر،
    كۇنگىردىن ئىللىق نۇر پەشتاققا چۈشتى.
    ئۇزۇندىن چاڭ باسقان كىچىك بىر چىراغ،
    ئۇھ ،مېنى كۆرۇپلا تۇيۇقسىز ئۆچتى .

     

    جايىمدا نېمە دەپ تۇرۇپ قالدىمكىن،
    ساقىدى چېچىمدىن ئاسماننىڭ يېشى.
    مەن بايا ئوتلىغان بىر پىيالە چاي،
    سوۋىدى ئىشخانىدا بەلكىم شۇ پېتى.

     

    كارىدور شۇقەدەر تىنىچ بەك تىنىچ،
    پەشتاقتىن لەيلىگەندەك چىقىۋاتىمەن.
    ئەينەككە قارىۋالدىم يەنە بىر قېتىم،
    پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتىۋاتىمەن.

     

    سەن ئامراق رەڭمۇ ھەي بۇ ئەمەس ئىدى،
    قارىدىم ئۇچامدىكى قارا كىيىمگە.
    چېچىمنى تۈزەشتۈردۈم تىرنىقىم بىلەن،
    قان نەدى يۇقتىكىن قاچان لېۋىمگە؟

     

    يامغۇرنىڭ توختىغۇسى يوقتۇر تېخىچە،
    پۇخادىن چىققۇدەك راسا كېرىلدىم.
    سەزدىممەن تۈگمەمنىڭ ئۈزۈلگىنىنى،
    بىرتال غۇنچىدەك قات-قات يېرىلدىم.

     

    ئىشىكنى ئاچتىڭسەن باغرىڭ بىلەن تەڭ،
    كۆزۈمگە سۇس تارتقان سۈرمەم ئىرىدى.
    قۇشلارنىڭ ناۋاسى ئۆچتى ئورماندىن،
    قاي سەۋەپ ئاھ بۇنى ھېچكىم بىلمىدى.

     

    يۈرىكىم سۇ بولدى قۇرىدى دەريا،
    ئالقىنىڭ ئارىسىدا يۈزلىرىم ئاسمان.
    نەزىرىم يەردىكى قىلىچتا قالدى،
    يالمىدى پەريادىمنى لالىرەڭ تۇمان.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.