جىن ۋە نۇرغۇن ئىشلار-ساۋۇتجان

يوللىغۇچى : sawutjan يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-16 02:32:00

مانى دىنى تۆۋەنامىسى (جىن ۋە نۇرغۇن ئىشلار-ساۋۇتجان) نەشە چېكىپ كەيپ بولغاندا، ئايال سۈرىتىدە ياسىنىپ كىرىپ سەنەمدەك خۇلق چىقىرىپ ئايلاندۇرۇپ يېنىمدا ئاسمان بىلەن زىمىننى، كونترول قىلىپ زۇلم...

     مانى دىنى تۆۋەنامىسى
    (جىن ۋە نۇرغۇن ئىشلار-ساۋۇتجان)

        نەشە چېكىپ كەيپ بولغاندا،
    ئايال سۈرىتىدە ياسىنىپ كىرىپ
    سەنەمدەك خۇلق چىقىرىپ
    ئايلاندۇرۇپ يېنىمدا
    ئاسمان بىلەن زىمىننى،
    كونترول قىلىپ زۇلمەتلىك ئېغىر كاللامنى
    ئېلىپ كەتسەڭ تۇيدۇرماي
     نەقەدەر بەخت،
    تاغدىكى ئۆڭكۈرگە ياكى باياۋان-چۆلگە.

     بېشىمدا قاراپ تۇرۇپ ئۆگەتسەڭ دەيمەن مۇنداق ئىشلارنى:
    ئۆي ئېلىش ئۈچۈن سودا قىلىشنى،
    تىجەش ئۈچۈن بارچە ئامال بىلەن،
    قورساق ئاچمايدىغان بىرەر ھۈنەرنى.
    ئىشەنگەن دىننىڭ تارقىلىش يولىنى،
    سانسكرېت يېزىقىنى، بىر نەچچە تىلنى.
    ھېيت-ئايەمدە خۇش قىلىش ئۈچۈن مېھمانلارنى،
    ئوخشۇتۇپ تاماق ئېتىشنى،
    ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناشنى.
    چاپلىشىدىغان گۇناھلاردىن يىراقلاش ئۈچۈن،
    ( باش ئۈستىمىزدە قاتتىق ئازاب ۋە ئېغىر قايغۇ بار) * لىقىنى.
    مۇھىم بىر ئىش ئۇنتۇپ قالمىغىن،
    توي قىلغان قىزلارغا تەلپۈنۈشتەك ئەخمەقلىقىمنى
    باسۇرۇپ قويۇپ
    كۆرۈنەر- كۆرۈنمەس قىزغىن ھەۋەس،
    بېھۇدە ئاچكۆزلۈكۈمنى،
    چىقىرىپ تاشلىۋەتسەڭ يۇمشاق تېنىمدىن.
    قىرىق كۈندىن كېيىن ئەكىلىپ قويساڭ ئەزىزانە قەشقەرگە،
    ئەتىيازغا خۇمار بولغان يۇلتۇزغا قاراپ،
    رەھمەت ئېيتىپ يىغلاپ كەتسەم بىر ھەپتە.
    مەن بىر ھۇرۇن بۇ شەھەردىكى.

    سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش بەك ئوڭاي
    ئېتىراپ قىلىش كېرەك دەۋر جىنايىتىنى،
    مەن تۇغۇلغان ئىش خۇشياقماس تومۇزدا.
    نېمە دېگەن ۋەھشىيلىك چۈشكەن چاغدا ئاران قولۇڭغا،
    نېپىز يۈزۈم سارغايغاندا قەغەزدەك
    كېچە بىلەن كۈندۈز پەرقىنى،
    تەرەت قىلىشنى،
    ئادەمنىڭ مەنىيدىن تۆرىلىدىغانلىقىنى ئېسىمگە سالىسەن.
    شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇرۇنۇپ باقىمەن،
    يېتىشسەم دەيمەن ھالىمغا باقماي ساماندەك ئۇششاق، نۇرغۇن ئىشلارغا. * ((مانى دىنى تۆۋەنامىسى))دىن ئىلىندى.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 17:31:51]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.