ئۆزۈمگە بېغىشلاپ

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-28 12:05:28

ئۆزۈمگە بېغىشلاپزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىبىز يوقلۇق شېخىدا ئېچىلغان چېچەك،يوق بولۇپ بارغۇسى ھەممە بارىمىز...ۋاقىت-ئۇ رەھىمسىز، ئەتكۈسى خازانغەنىيمەت بىز ئۈچۈن ئاھ، باھارىمىز...ھەر قەدەم كۆڭ...

     


    ئۆزۈمگە بېغىشلاپ

     

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

    بىز يوقلۇق شېخىدا ئېچىلغان چېچەك،
    يوق بولۇپ بارغۇسى ھەممە بارىمىز...
    ۋاقىت-ئۇ رەھىمسىز، ئەتكۈسى خازان
    غەنىيمەت بىز ئۈچۈن ئاھ، باھارىمىز...

     

    ھەر قەدەم كۆڭۈلدە ئۈنسە مىڭ ھەۋەس
    ئۆلۈم ھەم بارىنى ئوتايدۇ ئاخىر...
    ئەسقاتماس ھەر كارە، ئەشيا ھەم نوپۇز
    كەتمەستە ئۆزۈڭگە كەلمىسەڭ زاكىر!

     

    2011-يىل 28- ئاۋغۇست

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر زاكىر يوقلۇق چېچەك _