تۇماندىكى باھار(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : chimengul يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-01 12:39:15

تۇماندىكى باھار چىمەنگۈل ئاۋۇت بىر سائەت توختىغان پويىز ئالدىغا ،بىر ئوچۇم يېشىمنى ئېلىپ چىقمىدىم .قولۇمدا قىلىچ بار ساڭا ساقلىغان ،ياندۇرۇپ باغرىمغا يا بىر تىقمىدىم . مەن سېنى ئەجەپمۇ سېغىندى...

     

    تۇماندىكى باھار

    چىمەنگۈل ئاۋۇت

    بىر سائەت توختىغان پويىز ئالدىغا ،
    بىر ئوچۇم يېشىمنى ئېلىپ چىقمىدىم .
    قولۇمدا قىلىچ بار ساڭا ساقلىغان ،
    ياندۇرۇپ باغرىمغا يا بىر تىقمىدىم .
     

    مەن سېنى ئەجەپمۇ سېغىندىم جېنىم ،
    لىۋىمنى چىشلىدىم قاناپ كەتكۈدەك .
    سەن بەلكىم ئولتۇرىسەن پۇتۇڭنى سوزۇپ ،
    ئىچىمدە قاينايدۇ ئىسسىق بىر تىترەك .

     

    كەچ بولدى قار ياغدى خىياللىرىمغا ،
    ئايدىڭدەك پارلىدى نۇرلاندى ئەتراپ .
    ئۇيالدىم ئۆزۈمچە قىلىقلىرىمدىن ،
    چېچىمنى تارىدىم ئەينەككە قاراپ .

     

    ئىسىمگە كەپ قالدى يانۋار ھارپىسى ،
    قار دۆۋىلەپ بەردىڭسەن مېنىڭ يېنىمغا .
    كۆمۈلۈپ بەختىمگە،قەدرىڭگە تولۇق ،
    قار بوۋاي ياسىدىم كۆزىلا قارا .

     

    يۈزۈمگە ياققانتىم ئالقانلىرىڭنى ،
    يېشىممۇ ھەسرىتىمدەك كەتتى ئاھ، قۇرۇپ ،
    تىرەكلەرنىڭ شاخلىرى قاراسلاپ سۇندى ،
    قار مومايغا ئايلاندىم باغرىڭدا تۇرۇپ .

     

    ئاۋايلاپ سىيلىدىم پۇتۇڭنى بىردەم ،
    ھېلىقى ناخشىنى غىڭشىپ ئوقۇغاچ .
    بەش يىپلىق تىكىلگەن يارا ئېغىزى ،
    كۆرۈندى كۆزۇمگە بولۇپ قارلىغاچ .

     

    سەزدىممەن تەپتىمدە تىنىقلىرىڭنى ،
    چۆللەردىن ئوت بولۇپ كەلمەكتە مەجنۇن .
    لەيلىنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى كېچە ،
    بېغىمدىن كۈل بولۇپ يوقالدى قوزغۇن .

     

    قەھرىڭدىن قومۇشلار قۇشقا ئايلاندى ،
    تىكەنلەر سۈرۈلدى يولنىڭ بويىغا .
    كۆكتىكى تۇمانغا يېشىمنى بەرسەم ،
    يامغۇر دەپ زىمىنغا قايتۇردى خۇدا .

     

    باھارنىڭ ھېدىغا كۆمۈلدى جاھان ،
    چۇۋۇلغان چاچلىرىم پۇرايدۇ يالپۇز .
    جار سالاي ھاياتتا ئاخىرقى قېتىم ،
    مەن ئەمدى بىر ئۆمۈر ئەمەسمەن يالغۇز !

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چىمەنگۈل چىمەنقۇش