ئەر تۇغۇلۇپ ئەر بولالمىدىم(مۇسا ئەھەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 02:55:07

ئەر تۇغۇلۇپ ئەر بولالمىدىممۇسا ئەھەدكۆزلەر سىرى1شۇنداقمۇ كۆزلەر بار، شۇنداق بىر كۆزلەر،بۇ كۆزدە زىيا يوق تىنغان كېچىلەر.ئۇنىڭ دىل تەكتىگە يوشۇرۇنغان كۆزى،ئەڭ پىنھان سىرلارنى ئۈن-تىنسىز سۆزل...

    ئەر تۇغۇلۇپ ئەر بولالمىدىم
    مۇسا ئەھەد



    كۆزلەر سىرى

    1

    شۇنداقمۇ كۆزلەر بار، شۇنداق بىر كۆزلەر،
    بۇ كۆزدە زىيا يوق تىنغان كېچىلەر.
    ئۇنىڭ دىل تەكتىگە يوشۇرۇنغان كۆزى،
    ئەڭ پىنھان سىرلارنى ئۈن-تىنسىز سۆزلەر.

    2

    بۇ كۆزلەر ئەندىكىپ، گاھ چۆچۈپ باقسا،
    ئۇياتلىق بىر ھالەت زاھىر بولار ھەم.
    بۇ كۆزلەر تەكتىدە يەنە بىر كۆزگە،
    چەكسىز بىر ئازابنىڭ مۇڭى بولغان جەم.

    ھودۇققان، ھېيىققان بۇ كۆز ھالىتى،
    بىر ئاھۇ، ئوۋچىنى كۆرگەن چۆلدىكى.
    بۇ كۆزنىڭ يوچۇن بىر مۇڭ-نادامىتى،
    تىترىگەن شەبنەمدۇر تاڭدا گۈلدىكى.

    گاھ مەيۈس بىر نىگاھ، گاھى ئىزتىراپ،
    تۇمانى چېھرىگە تاشلايدۇ سايە.
    ئوخشايدۇ ئاشىقنىڭ غەمكىن ئويىغا،
    كۆزلەردە ئەكس ئەتكەن ھەربىر ئىپادە.

    مۇقەددەس مەنىلەر سىڭگەن بۇ كۆزلەر،
    كۆزلەردىن چوغ سوراپ يۈرمەس ئالدىراش.
    نۇر ئېمىپ ھايادىن نۇر سۆيگەن كۆزلەر،
    ئاشىققا ئارمان ئۇ، مەردلەرگە ئوتقاش.

    3

    شوخ، ئويناق، جىلۋىگەر، خۇمارلىق كۆزلەر،
    شىر كەبى ئەزىمەتنى خەستەك پەس قىلار.
    بۇ كۆزلەر ئالدىدا ئاھۇ كۆزلىرى
    تەئەججۈپ ئىلكىدە ھەيران-ھەس بولار.

    ياسىداق قەسىرلەر، ئاۋات رەستىلەر،
    قاراڭغۇ خانىلەرگە چولپان بۇ كۆزلەر.
    نى شىرمەت قەلبىنى ئوۋلاپ سېھرىدە
    پۇچۇق بىر يارماققا سەرسان بۇ كۆزلەر.

    تۈلكىدىن خۇي ئالغان، شەيتاندىن ئۈگۈت،
    كۈندۈزدىن تۈنلەرگە ئامراق بۇ كۆزلەر.
    قەدەمدە بىر شۇملۇق، زىمىستان چىللاپ
    تىلەيدۇ ياخشىغا دوزاخ بۇ كۆزلەر.

    4

    قەھرىمۇ، زەھرىمۇ يوق شۇنداق كۆز بار،
     يوق ئۇندا مۇھەببەت، نەپرەتتىن نىشان.
    بەئەينى لالما ئىت ئۇنىڭ خۇي-پەيلى،
    ئەگىشەر كىم ئاڭا تاشلاپ بەرسە نان.

    5

    شۇنداقمۇ كۆزلەر بار مەغرۇر، توق ھامان،
    ئالماستەك يالتىراپ، زەردەك ئۆڭمىگەن.
    ئۆمۈرلۈك سىرىنى تۇتۇپ پاك، پىنھان،
    قەلبىگە مەڭگۈلۈك دەپنە ئەيلىگەن.

    كۆز كۆڭۈل ئەينىكى دەيدۇ بوۋىلار،
    ھەر كۆزدە مىڭ سۈرەت، مىڭ خىل رەڭ، سىما.
    كۆزلەرنىڭ سىرىنى بىلمەك كۆپ قىيىن،
    چۈنكى ئۇ ئۆزىدەك سىرلىق مۇئەمما.

    شۇ كېچە

    شۇ كېچە ئۇيقۇسىز ئۆتتى تۈنلىرىم،
    شۇ كېچە قەلبىمدە يېڭى بىر ھىجران.
    شۇ كېچە گۈل چۈشەپ چىقتىم تاڭغىچە،
    كۆزلىرىم رەڭگىنى ئەپقاچتى چولپان.

    شۇ كېچە دىلرەبا، مۇقەددەس كېچە،
    ھەسرىتى، دەردىدىن ئارتۇق لەززىتى.
    ئاشىقلار قەسرىگە چىللايدۇ مېنى،
    كۆزنەكتە ئاي بولۇپ يارنىڭ سۈرىتى.

    شۇ كېچە قۇت ياغقان، ئامەتلىك كېچە،
    كۆكسۈمدە بەرق ئۇرغان ۋەسلىڭ غۇنچىسى.
    كېچە كۆپ ھاياتتا، شۇنداق كېچىدىن،
    يار بولار ئۆمرۈڭگە يەنە قانچىسى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.