يۇرت مۇھەببىتى(ئابدۇللا موللا قاردۇ)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 03:54:44

يۇرت مۇھەببىتىئابدۇللا موللا قاردۇكوسراپسېكىلەكلىك قىزلار دەرياغا قاردۇ كەلدى،كۈلگۈنچەك قاردۇدىن مارجان ئېسىڭلار!دەريادىكى ھەربىر بۇژغۇنغاكۈلۈپ تۇرۇپ سالام بېرىڭلار!نويابىرنىڭ ئاخىرىدىكى شې...

    يۇرت مۇھەببىتى
    ئابدۇللا موللا قاردۇ


    كوسراپ

    سېكىلەكلىك قىزلار دەرياغا قاردۇ كەلدى،
    كۈلگۈنچەك قاردۇدىن مارجان ئېسىڭلار!
    دەريادىكى ھەربىر بۇژغۇنغا
    كۈلۈپ تۇرۇپ سالام بېرىڭلار!
    نويابىرنىڭ ئاخىرىدىكى شېتىلە قۇياش،
    تاغ كەينىگە ئاتار ھەدەپ قاش،
    قۇرۇق غازاڭلار قويلار بىلەن بولۇۋاپتۇ ئاداش .
    سىياھ تاغنىڭ كۆمۈرى كۆيمەكتە،
    ئايلىنىپ قىپقىزىل يۈرەككە .
    تىمتاسلىق كۆيمەكتە،
    بۇلاق بېشىدا چېلىكىنى ئۇنتۇپ قېتىپ قالغان
    كىمنىدۇر چەكسىز كۈتۈۋاتقان،
    زەڭگەر كۆزلۈك قىزچاقنىڭ يېشىغا ئايلىنىپ!
    بالىلار مەكتەپتن قايتتى،
    چانا ياساڭلار،
    دەريانىڭ جۇشقۇن شارقىرىشىغا
    كەتسۇن قوشۇلۇپ!
    چانا بىلەن كۈننى كەچ قىلىپ،
    ئۇلاغلىرىغا ئوت سېلىشنى قالارمۇ ئۇنتۇپ؟
    مۇز يېرىلىپ سۇغا پىشىلغان
    پەرىشتە بالىلار .
    قۇرغاق شامالغا ئايلانغان ناخشا،
    ئوچاقلارنىڭ ئالدىدا تۇرار دۈگدىيىپ .
    چۆچەككە ئايلانغان تاتلىق كېچىلەر،
    چۈشلەرگە رەڭ بەرگەن ئاينىڭ نۇرىدا .
     چامغۇر سالغان مەززىلىك سۇيۇقئاش،
    سىڭىپ كەتتى تومۇر-تومۇرغا!
    بىر كۈنلۈك ئىشنى سەھەردىن باشلا
    دېگەن ھېكمەتلەر...
    ئورناپ كەتكەن ئاراش-ئاراشقا .
    پەرىشتىمۇ بۇ يەردە، خىزىرمۇ ھەمدە
    كۆك نۇرلارنىڭ ئۇۋىلىرى ھەم .
    ئاسمانغا تۇتاش ئەزىم تاغ بوۋاي،
    ئايلانغان بەلكىم ئۇلۇغ سىماغا .
    ئۇ بىر ھېكمەت، ئۇ بىر ئىبادەت!
    خىلۋەت يېزىدىكى بىر كۈنلۈك ھايات
    تاتلىق ئاۋازلار، ئىستەكلەر بىلەن
    دەريا بىلەن باشلىنىپ كېتەر كېچىگە .
    كوسراپ  مانا شۇنداق جاي!!

    گۈلۈمگە

    گۈلۈمنىڭ كۆزلىرى،
    ئىللىق نۇر بولۇپ كۆيمەكتە،
    كوسراپتىكى چەكسىز جىمجىتلىق،
    يىراقلاردىن كېلىدۇ ئۈنسىز،
    سېغىندۇرۇپ ئوماق تاشلارنى...
    قوڭۇر چاچلىرىڭ
    يەلپۈنسە شۇتاپ،
    كوسراپ تىرىلىدۇ ھەربىر نەپەستىن .
    ساڭا كۆيگەن بىر ساپ سۆيگۈدە،
    بۇغداي ناخشىسىنىڭ ئۈمىدلىرى بار،
    خاماندىكى يۇلتۇزلار
    ئۇۋىلاپتۇ كۆزلىرىڭگىلا،
    ئۇندىكى كۆك ئاسمان،
    ئېقىۋاتامدۇ تومۇرلىرىڭدا؟!
    قۇشقاچنىڭ ۋىچىرلىشى،
    ناخشاڭغا ئايلىنىپ كەتتى توساتتىن .
    يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى،
    ساڭا بەخت تىلەپ سوزدى قول .
    سۇ قوشۇلۇشتىكى بېلىقلار،
    گۈلۈمنىڭ ئىدىشىغا چۈشەر پىلتىڭلاپ،
    گۈلۈمنىڭ بېلىق بېقىشىغا ئامراقلىقىنى بىلگەندەك...
    مەن يىراقتا خەلق سارىيى ئالدىدا،
    ھاياتىمنى سىزماقتىمەن،
    ئىزتىراپلىق سىلكىنىشلەرگە!
    خۇدا! ئامان قىل گۈلۈمنى، ھەممىمىزنى،
    مەن سۆيگەن جاندىن ئەزىز يۇرتداشلىرىمنى!!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.