قوغلانغان روھ (مۇتىللا قىرانى)

يوللىغۇچى : تاشنەي يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-17 19:32:00

قوغلانغان روھ مۇتىللا قىرانىتەلمۇرمەكتە ئاسىي روھ سۇس، كۈلرەڭ شەپەق ئېچىدە ، يۇز ئۆرىگەن تەنلەرنى ئىزدەپ . مەيپۇرۇشنىڭ قولىدا سېتىلماقتا روھلاندۇرۇش دورىسى ، خېرىدارى مەسۇملار . چايقالماقتا ...

    قوغلانغان روھ
    مۇتىللا قىرانى

    تەلمۇرمەكتە ئاسىي روھ سۇس،
    كۈلرەڭ شەپەق ئېچىدە ،
    يۇز ئۆرىگەن تەنلەرنى ئىزدەپ .

    مەيپۇرۇشنىڭ قولىدا
    سېتىلماقتا روھلاندۇرۇش دورىسى ،
    خېرىدارى مەسۇملار .

     چايقالماقتا باش
    مۇزىكىدا يوق ھوزۇر
    ئاچچىق كافېي كەسكەن ئەقىلنى .
    ناتىۋانلىق قالدى بەك يېتىم ،
    چوغلانمىدى يۈرەكتىكى ئوت .
    كېسىلگەن چاچ كۆكلىمەكتە يەتتە رەڭ بولۇپ ،
    سېتىلماقتا بازاردا ھايا
    چۇشۇرۇلگەن باھا قويۇلۇپ .

     چېكىلگەن قۇش ئىزدىگەندە جۇپتىنى
    ئۇنلەشلەردىن چېچىپ قان
    تەمشەلسىمۇ كەتمەككە يېراق ،
    كۆيگەن قانات بەرمەيدۇ ئۇچۇش .
    ئاپئاق بەدەن ئايلانغاندا قۇش ئۇۋېسىغا ،
    يۇلتۇزلارمۇ كۇز پەسلى كۆرگەندەك ،
    تۆكىلىدۇ تېرە ئاستىغا .

     كوچىلارغا چېچىلغان ئىپپەت ،
    چېگىلمىگەن رەڭدار لېنتىدەك
    خارلانماقتا
    تاشلانماقتا بۇلۇڭلارغا ئەخلەت تۇڭىدەك .
    خوجايىننىڭ تولماس يانچۇقى
    شەپقەت ئۈچۈن بەرمىگەن ئورۇن .

     كۆزلىرىدىن قان تۆكۇپ
    يېلىنماقتا ئالدانغان بالا ،
    ئاڭلانغاندەك قۇلاق تۇۋېدە
    ھويلىسىدىن نۇر بولۇپ
    ئۇپۇقلارغا تارالغان
    ئانا ئېيتقان ئەلەملىك يېغا .
    قوغلانغان روھ تاپالماستىن پالانغان يەرنى .
    يول ئالماقتا ۋەھىمە بىلەن ،
    رەھىمسىزلىك قەلئەسى تامان .

     بىر قولىدا ئاق كۇنلۇك
    بىر قولىدا يېشىل پاسپورت
    يۇرەكسىمان قاتلانغان
    ئۆلۇم خېتى يېزىلغان لىپاپ .

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 11:15:07]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قوغلانغان روھ