ئىككى شېئىر(ئابدۇقادىر جۈمە تۇنيۇقۇق)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-01 23:35:00

ئىككى شېئىرئابدۇقادىر جۈمە تۇنيۇقۇقمىراجىخانكاككۇك كەلسىمۇ ھېچ كەلمەيدىغان، قايتىلانماس يارىدار تۇيغۇ، دۇتار بىلەن تۆكۈلەر ئاستا، تۇتقۇن قۇشتەك ۋاپادار قايغۇ. مىراجىخان ئۇ قانداق ناخشا؟ئۇ ق...

    ئىككى شېئىر
    ئابدۇقادىر جۈمە تۇنيۇقۇق



    مىراجىخان

    كاككۇك كەلسىمۇ ھېچ كەلمەيدىغان،
    قايتىلانماس يارىدار تۇيغۇ،
    دۇتار بىلەن تۆكۈلەر ئاستا،
    تۇتقۇن قۇشتەك ۋاپادار قايغۇ.

    مىراجىخان ئۇ قانداق ناخشا؟
    ئۇ قاچاندىن مەڭگۈلۈك جانان؟
    ئۇ ھىجراننىڭ گۈزەل يامغۇرى،
    ئۇ يۈرەكتىن تاشقان تامچە قان.

    مېنى يەنە قويمىغىن داغدا،
    ساڭا مەڭگۈ بەخشەندىدۇر جان.
    سەن قايرىلغان دوقمۇشتا كۈتۈپ،
    ئۆلمەكتىمەن... ئاھ،  مىراجىخان...

    قىش كېچىسى

    يادىمدا شۇ كېچە مەن سېنى سۆيگەن،
    يۈرىكىم جاھانغا سىغىشمىغان ئۇ دەم.
    خۇش ھىدىڭ تەپتىدىن ئېرىگەن ۋۇجۇد،
    قار يېغىپ تۇرسىمۇ ئاستا لەپىلدەپ.

    شۇ كېچە تەشۋىشتىن خالى ئىككىمىز،
    بىغۇبار تىترىدۇق مۇزىكىسىمان.
    يوقاتتىڭ ئۆزۈمنى بارلىقىمنى ھەم،
    بەختتىن مەست بولغان كۆزلىرىڭ بىلەن.

    بىر تامچە ياش كەبى دېڭىز كۆزۈڭدىن،
    ياغامدۇ يامغۇر بوپ سېنىڭ شەھىرىڭدە.
    قىش بولۇپ كېتەمدۇ يا ۋۇجۇدۇڭ ئېرىپ،
    شۇ كېچە ئېسىڭگە شۇ چاغلار يەتسە.

    نېمىشقا

    خىيالمۇ ئەمەسسەن ياكى كۆز يېشى،
    نېمىشقا روھىمنى قىلىپ قويدۇڭ نەم؟
    ئاي نۇرى خىلۋەتكە سېپىلسە خىرە،
    نېمىشقا بويۇمغا يۆگىشىپ مەھكەم؟

    نېمىشقا قۇرلارغا قوشۇلۇپ ئەركەم،
    شۇ ئاچچىق چۈشلەرنى قىلىسەن ئايان؟
    مۇھەببەت كۆزۈڭدە لىغىلدىسا لىق،
    نېمىشقا ئۆزۈڭنىڭ ئەمەس ھاياجان؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.