ئادەملەر(گۈلجەننەت)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-17 02:18:30

ئادەملەر گۈل كەبى يىغلاپلا تۇغۇلغان جاھانغا ئادەم، نارازى بولغاندەك دۇنيادىن شۇدەم.بىلگەندەك بوۋاقمۇ ئالەم ئىگىز- پەس.قىسمەتكە پۈتۈلگەن ھاياتلىق قەدەم. ئادەم دېگەن ئاشۇنداق بولاركەن ھەر خىل.تەلە...

    ئادەملەر

    گۈل كەبى

    يىغلاپلا تۇغۇلغان جاھانغا ئادەم،
    نارازى بولغاندەك دۇنيادىن شۇدەم.
    بىلگەندەك بوۋاقمۇ ئالەم ئىگىز- پەس.
    قىسمەتكە پۈتۈلگەن ھاياتلىق قەدەم.

    ئادەم دېگەن ئاشۇنداق بولاركەن ھەر خىل.
    تەلەپچاندۇر ھەممىدە دانىمىشنى بول سەرخىل.
    ئەخلاقنىمۇ ئۆزىگە يار قىلغىنى ئاز ئەمەس.
    بىزلەرگىمۇ شان-شەرەپ كەلتۈرگىنى ئاز ئەمەس.

    يەنە باردۇر بىر قىسىم ئادەم سىياق ھايۋانلار.
    ئاتا-ئانىغا مۇشت تۈرۈپ، گەللىرىنى سىققانلار.
    ئەتراپىمىزدا ئۇچرايدۇ ئادەم ئەمەس بۇنداقلار.
    جېنىنى ھەم قېنىنى زەھەرلەرگە ساتقانلار.

    يوق ئەمەس ھەم ئارىمىزدا غەيۋەتلەرگە پاتقانلار.
    دوست-بۇرادەر، تۇغقاندىن قۇسۇر ئىزدەپ تاپقانلار
    «قارا ماۋۇ ئىگىزكەن، ئاۋۇ مايماق سەمىرىپ»
    چىشلىشىپ ھەم مورلىشىپ، يۈز ئابرويلار تاپقانلار.

    نوچى ئىكەن باشقىلار ئاي مارىسقا ئۇچقانلار.
    بىزلا قالدۇق ئارقىدا ئۇلاق مېنىپ چاپقانلار.
    ئەسقاتمىدى ئۇلاقمۇ زامان ئۇچۇر دەۋرىدە.
    ئىلگىرلىدى ئالدىدا تېخنىكىنى تاپقانلار.

    يارالغانكەن دۇنياغا كۆرىدىكەن ئادەملەر،
    بىرگە ئىكەن خۇشاللىق ھەمدۇ-سانا ماتەملەر
    ياخشىلارنىڭ ناملىرى ئۆچمەيدىكەن ئالەمدە،
    بەئەينى ئۇ ئابىدە، پارلاق نۇرنى چاچقانلار.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر