ئەجەم بىلەن سىردىشىش

يوللىغۇچى : abduhelil يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-02 12:57:05

ئەجەم بىلەن سىردىشىشئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىرسەن بەرگەن سۈيۈشتىن چىقتىم بىخلىنىپ،چاك- چاك لەۋ جامىمدا ۋىسال باھارى.سەن چوغلاپ يۈرەكنى كۈيۈشلىرىڭدىن،يىشىلەر ھەر كەيىپ جاننىڭ خۇمارى.ھەر كىرسەڭ ئوت...



      

    ئەجەم بىلەن سىردىشىش

     

    ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر

     

    سەن بەرگەن سۈيۈشتىن چىقتىم بىخلىنىپ،

    چاك- چاك لەۋ جامىمدا ۋىسال باھارى.

    سەن چوغلاپ يۈرەكنى كۈيۈشلىرىڭدىن،

    يىشىلەر ھەر كەيىپ جاننىڭ خۇمارى.

     

    ھەر كىرسەڭ ئوتقاشتەك ئۈندە خانەمگە،

    ھەر ياپراق، شېخىمدا قۇشلار ساماسى.

    ئاپتاپلىق ھويلىغا ئايلىنار دۇنيا،

    يوقاپ تەن مۈلكىمدىن ئۆلۈم ۋاباسى.

     

    تامساڭ جان دەشتىمگە بالدەك بىر تېمىم،

    ياشىرار روھىمدا بىر باغلام غۇرۇر.

    سەن ئىشقىم تەكتىگە كۈمۈلگەن بىر چوغ،

    تېپىلماس ئىستىسەم سىنىڭدەك ھۇزۇر.

     

    سەن بىلەن چىمەننىڭ چىمەنلىكىدە،

    كۈمۈلدىم بىر قىزنىڭ قەلبىگە چوغدەك.

    سەن بىلەن ھاياتنىڭ شىرىنلىكىدە،

    ياشاردىم قاقاسلىق چۆلدىمۇ باغدەك.

     

    جېنىمنى پەرلىدىم سېھرىڭدە ھەرئان،

    سورۇلۇپ كەتسەممۇ قۇمدەك ھەر يەرگە.

    چاڭقىسام ئۇچۇملاپ ئىچتىم بالىڭدىن،

    ئوخشىدىم ھەر چامدام ئىزىمدا ئەرگە.

     

    ياشاشنىڭ تەسلىكى شۇرىسا جاننى،

    تاغلار چىدامىغا مېھرىمنى چاتتىم.

    ھاياتنىڭ، سۆيگۈنىڭ، دەرتنىڭ تەمىگە،

    سەن چاققان چاقماقلارنىڭ ئۈنىدە يەتتىم.

     

    ھىجراننىڭ تىغىدا تىلىنسا باغرىم،

    چاپتۇردىم ئېتىمنى كەڭ پايانىڭدا.

    قىپقىزىل يۇلغۇنلارنىڭ يېشىدا ئاقتىم،

    پاكلاپ روھ سارايىمنى كۈي- ساتارىڭدا.

     

    تۈنلىرىم يۇلتۇزسىز تاشلانسام ئوتقا،

    مەشرەپنىڭ كەشىدە كەزدىم دەشتىڭنى.

    تەمبۇرنىڭ تارىدا بارماقلىرىم قان،

    ئاخىرى تاپتىم ئاھ سەندىن ئەسلىمنى...

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.