ئۇيغۇر تىلىم (ساداقەتجان ھاجى)

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-07 23:36:32

ئۇيغۇر تىلىمساداقەتجان ھاجىدۇنياغا ئېچىلغاندا مېنىڭ كۆزۈم،ئېيتىلغان سېنىڭ بىلەن تۇنجى سۆزۈم.ئەي مېنىڭ ئانا تىلىم – ئۇيغۇر تىلىمسەن بىلەن يورۇق بولۇپ كەلدى يۈزۈم.سەن بىلەن قىلدىم بايان پىك...



    ئۇيغۇر تىلىم

    ساداقەتجان ھاجى

    دۇنياغا ئېچىلغاندا مېنىڭ كۆزۈم،
    ئېيتىلغان سېنىڭ بىلەن تۇنجى سۆزۈم.
    ئەي مېنىڭ ئانا تىلىم – ئۇيغۇر تىلىم
    سەن بىلەن يورۇق بولۇپ كەلدى يۈزۈم.

    سەن بىلەن قىلدىم بايان پىكرىمنى مەن،
    سىڭدۈرۈپ پىكرىمگە دىل مىھرىمنى مەن.
    قاناتقا ئىگە قىلدىم سۇنمايدىغان،
    سەن بىلەن تەپەككۇرۇم – زېھنىمنى مەن.

    سەن بىلەن سىرلىرىمنى ساقلاپ كەلدىم.
    سەن بىلەن ھەقىقەتنى ياقلاپ كەلدىم.
    سەن بىلەن ئىجات قىلىپ ئاز بولسىمۇ،
    خەلقىمنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ كەلدىم.

    سەندىدۇر ئەجدادلارنىڭ يۈرەك سۆزى.
    سەندىدۇر بەختىمىزنىڭ بىر يۇلتۇزى.
    بەختىمنى تىلەر ئىدى كىچىكىمدە،
    سەن بىلەن ئەللەي ئېيتىپ ئانام ئۆزى.

    سەنسىز مەن ئېيتالمايمەن ناخشىلارنى.
    سەنسىز خۇش قىلالمايمەن ياخشىلارنى.
    خەلقىمگە چۈشەندۈرۈپ ئادالەتنى،
    سەنسىز پاش ئېتەلمەيمەن ۋەھشىلەرنى.

    سەنسىز مەن ئۇيغۇر بولۇپ يۈرەلمەيمەن.
    جەننەتكە ئۇيغۇر بولۇپ كىرەلمەيمەن.
    سەن ماڭا ئاتا-ئانام ئامانىتى.
    يوقاتسام سېنى جاۋاپ بېرەلمەيمەن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1992-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى. قەشقەر)
    (مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى 1997-يىللىق 10-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.