بىرىنچى يار ھەققىدە قوشاق(ئابدۇرېشىت ئېلى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-31 07:43:31

بىرىنچى يار ھەققىدە قوشاقئابدۇرېشىت ئېلىجىملىق ئۈچۈننەدە ئۇ جىملىق؟...كىتابلار قېتىدىن چىقماقتاجەڭ ئاتلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرى.ئوغلۇم يىغلار چېچىمنى تارتىپچۈشتى دەپ كۆزۈمگە تۈننىڭ ياشلىرى.تامدىكى...

    بىرىنچى يار ھەققىدە قوشاق
    ئابدۇرېشىت ئېلى



    جىملىق ئۈچۈن

    نەدە ئۇ جىملىق؟...
    كىتابلار قېتىدىن چىقماقتا
    جەڭ ئاتلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرى.
    ئوغلۇم يىغلار چېچىمنى تارتىپ
    چۈشتى دەپ كۆزۈمگە تۈننىڭ ياشلىرى.

    تامدىكى رەسىمدە بار ئىدى قېيىق
    لېكىن سۇ كەتكەن ئۇخلىغىلى دەرياغا.
    كۆزلىرىم تونىلىدا كېلەر بىر پويىز
    كىمدۇر مېنى كۈتەر ئاۋغۇست ئايلىرىدا.

    چاچلىرىم چۈشۈپ بېشىم يانماقتا ئوتتەك
    ياشلىق ھېسلىرى سايە ئىزدەر ئارىسىدا ئۈچ بىلەن نۆلنىڭ.
    ئوڭۇشسىزلىق ھاياتنىڭ ئىمتىھان قەغىزى،
    بىز تەلپۈنگەن پاكلىقتۇر مەنىسى چۆلنىڭ...

    مەن بۇنداق ئويلىمايتتىم
    موھتاج بولمىسام بىر لەھزە يالغۇز قېلىشقا.
    ئىشىكىمنى چەكسەڭ ئەي مەغلۇپلۇق،
    چاقىرساڭ مېنى يەنە چېلىشقا!

    ماڭا تەۋە بولمىغان ۋاقىت

    يالغۇزلۇقنىڭ سۈردۈم پەيزىنى
    ماڭا تەۋە بولمىغان كۈندە.
    دېرىزەم ئايلىنىپ قىزنىڭ كۆزىگە
    شەرەت قىلدى دالىنى
    چوڭقۇر، ئوتلۇق بىر ئۈندە.

    قۇشلار باياۋاندا
    مەن ئەزەلدىن بولمىغان دەرەخ.

    سۈيلەپ تۇردى سىمۋول مېنى
    ئۆزگەرتكىن دەپ مەنىسىنى جىملىقنىڭ.
    كىتابلار ئۇپرىدى بوۋامدىن قالغان پىچاقتەك
    كۆكرىكىمگە شۈكرى قىلدى بۇ ھارغىن يۈرەك.

    قارىدىم
    سائەتتىكى بەش چۈشتى ئەينەكلەر ئارىسىدىن.
    فېۋرال ئايلىرىدىكى كۆڭۈلسىز شامال
    ئىشىكىمنى چەكتى ئاھ، بىردىن.

    بىرىنچى يار ھەققىدە قوشاق

    بىرىنچى يار نان ئەمەس
    ئاچ قالغاندا يېگىلى.
    ياكى گۈزەل ئىسسىق سۆز
    ئايالىڭغا دېگىلى.

    مارت شاماللىرىدەك يۈرىمەن كوچىلاردا
    قاچار مەندىن كىشىلەر
    پەقەت يالىڭاچ دەرەخلەر ئاچار قۇچاق.
    دېھقان جان بەرگەن ئېتىزلىقلاردا
    ياڭرار جىمجىت بىر قوشاق.

    مۇھەببەت دېگەن ئوتۇندىن
    قالدى ئاشۇ ئۆچەي دېگەن چوغ.
    ئىككىنچىنى ئۈگىنەلمەي كېتەرمەنمۇ دۇنيادىن؟
    -دادا!
    ئوغلۇم قولىنى سوزدى كۆكتىكى ئايغا...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.