ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﻤﯩﻨﻰ(ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 23:46:00

ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﻤﯩﻨﻰﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯﺋﯚﮔﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺋﻮﻳﻨﺎﺭ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﺗﺎﺭﺍﭖ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ.ﺳﻪﮬﻪﺭ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ ﺋﻪﺯﻩﻡﺋﺸﯩﻜﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ.ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﻯ ﮬ...

    ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﻤﯩﻨﻰ
    ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ


    ﺋﯚﮔﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ
    ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ
    ﺋﻮﻳﻨﺎﺭ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﺗﺎﺭﺍﭖ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ.
    ﺳﻪﮬﻪﺭ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ
    ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ ﺋﻪﺯﻩﻡ
    ﺋﺸﯩﻜﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ.

    ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﻯ ﮬﯚﻝ ﺋﻪﻱ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻼﺭ
    ﭘﺎﻙ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ
    ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻗﺎﻳﻐﯘﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ
    ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ ﻗﯩﺴﺘﯩﻠﯩﭗ.

    ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻧﻐﺎﻥ ﺗﺎﯓ ﻧﯘﺭﻯ ﺳﯩﻤﺎﻥ
    ﺋﯜﺳﺘﯜﯕﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﻣﮕﻪﻥ ﺗﻮﭘﺎ-ﭼﺎﯓ.
    ﺑﺎﻏﺮﯨﻢ ﺋﯧﺰﯨﻚ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ
    ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ
    ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺷﯘ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﺋﺎﮬﺎﯓ.

    ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻖ
    ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺑﻪﻙ ﻛﯩﭽﯩﻚ
    ﻳﺎﺗﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﺎﻱ ﻧﯘﺭﻯ ﺋﯧﻤﯩﭗ،
    ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﻣﯧﮭﺮﺍﭘﺘﺎ
    ﻳﺎﯕﺮﺍﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ.
    ﻏﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺩﺍﯞﺯﯨﻼﺭ ﺷﯘﺋﺎﻥ
    ﺟﯩﻤﯩﺮﻻﻳﺘﺘﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ
    ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯﻯ.

    ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ
    ﺟﯩﻨﺎﺯﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ
    ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﭼﺎﯕﮕﺎﻟﻼﭖ
    ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺳﺎﻟﺪﻯ ﺋﻪﺯﺭﺍﺋﯩﻞ ﺋﯚﺯﻯ.

    ﺑﯩﺮ ﻗﻪﻟﺌﻪﺩﯗﺭﻛﻰ ﺋﯘ ﺗﺎﻣﺴﯩﺰ
    ﺷﯘ ﻗﻪﻟﺌﻪﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ
    ﺧﯘﺩﺍ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ.

    ئادىل تۇنىيازنىڭ:«ﺑﻮﻳﺘﺎﻕ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﯩﺘﻰ» ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-27 23:49:04]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.