يالغۇزۇم(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-19 12:06:00

يالغۇزۇم (چىمەنگۈل ئاۋۇت) مەن پەرۋىش ئەيلىگەن چىملار خارۇزار، سەن دەسسەپ چەيلىگەن گۈللەردە ھىد بار. مەن سۆيگەن سەھەرنىڭ قۇياشى يوقتۇر سەن تامغان – كۆكلىگەن ئۈنلەردە قۇت بار. مەن تۆككەن تەر بى...

           يالغۇزۇم

    (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

     

    مەن پەرۋىش ئەيلىگەن چىملار خارۇزار،

     سەن دەسسەپ چەيلىگەن گۈللەردە ھىد بار.

    مەن سۆيگەن سەھەرنىڭ قۇياشى يوقتۇر

    سەن تامغان – كۆكلىگەن ئۈنلەردە قۇت بار.

     مەن تۆككەن تەر بىلەن ياشنايدۇ ئازاپ،

    سەن تۆككەن كۆز ياشتا ئۈمىد چايقىلار.

     قىسمىتىم ئاي بولۇپ پارلىسا مۇڭلۇق،

     خىيالىڭ يۇلتۇزدەك تۈنگە تارقىلار.

     ۋىسالىڭ جەھلىدە بولساممۇ چۇلچۇل

     ھەر سەھەر باغرىمغا ئاقىسەن تىم-تىم.

     دۇنيادا ھېچكىمسىز ياشىيالمايمەن،

    سەن تۇرغان مېھرىمگە چىلىشىپ، جېنىم.

    ئازابىم خىلۋىتى ساڭا ناتونۇش ئاينىيدۇ،

     ئاھ، ئۇندا مېنىڭ بارلىقىم.

    قومۇشلۇق لەيلەيدۇ غالىبلىقىمدا،

     ئانامنىڭ قولىغا چىقسا تارغىقىم.

     زەردابتەك ئىسىسىقمەن، يارىدەك گۈزەل،

     دادامنىڭ مۇڭلىرىنى يالمايدۇ ئورمان.

    جان بالام، چۇرۇلداپ كەتسەڭ بىتاقەت،

     تۇيۇلار قۇشلارغا كىرگەندەك زۇۋان.

    كۆزۈڭدىن يامرىغان مەڭگۈلۈك ئوتنى

     پارچىلاپ ئالەمگە چاچسام مەن تولۇق.

    تەختىڭگە ئەل بولۇپ كۆكلەر تەبىئەت،

     بار بولغاچ قىسسىدىن ياسالغان قوۋۇق.

    سۆيىسەن تۇپراقنى چاپچىشلىرىڭدا

     كۆككىمۇ سوزىسەن قولۇڭنى ھازىر...

    ئاۋازىڭ چوڭقۇرىدا قۇملارنىڭ تەپتى،

     تاغلارنىڭ سۈلكىتىدىن پارلايسەن ئاخىر!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق