رۇبائىيلار

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-25 12:34:00

رۇبائىيلار ئابابەكرى ئالىم بەزىلەر دولاڭغا ئۇرۇپ قويىدۇ ، « لەببەي » دەپ يېنىڭدا تۇرۇپ قويىدۇ. ئويلىنىپ باسمىساڭ ھەر بىر قەدەمنى ، يولۇڭغا قاپقاننى قۇرۇپ قويىدۇ. پىتنىخور غەيۋەتچى سۆزىدىن ئ...

    رۇبائىيلار

    ئابابەكرى ئالىم

     

    بەزىلەر دولاڭغا ئۇرۇپ قويىدۇ ،

    « لەببەي » دەپ يېنىڭدا تۇرۇپ قويىدۇ.

    ئويلىنىپ باسمىساڭ ھەر بىر قەدەمنى ،

    يولۇڭغا قاپقاننى قۇرۇپ قويىدۇ.

     

    پىتنىخور غەيۋەتچى سۆزىدىن ئايان ،

    قاش ئېتىپ ئويناتقان كۆزىدىن ئايان .

    پۈتمىسەڭ سۆزۈمگە قاراپ باق ئۇنىڭ ،

    ئەلەمدە تاتارغان يۈزىدىن ئايان .

     

    ماختانچاق ھەر قاچان يۈرەر ماختىنىپ ،

    مەدھىيە ئالقىشقا ئۆتەر ئالدىنىپ .

    ئۇنداقلار بىر مەھەل تاپسىمۇ بازار ،

    ئاقىۋەت زاماندىن قالار شاللىنىپ .

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق