دەلدۈشنىڭ كۈنلىرى

يوللىغۇچى : yalqunazizi يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-24 19:20:00

دەلدۈشنىڭ كۈنلىرى يالقۇن ئەزىزىتىلىمنى ئوينايمەن ئەينەكتە،پىقىرايدۇ ئەينەك نۇر چېچىپكىرىپ كېتەر ئەينەككە ھەممە،ئۆز ئورنىدىن يۇلقۇنۇپ-قېچىپ!پىقىرايدۇقوللىرىمدا ئۇ ،پىقىرايدۇ شۇنچە شىددەتلىك...

        دەلدۈشنىڭ كۈنلىرى
         يالقۇن ئەزىزى

     

     تىلىمنى ئوينايمەن ئەينەكتە،
    پىقىرايدۇ ئەينەك نۇر چېچىپ
    كىرىپ كېتەر ئەينەككە ھەممە،
    ئۆز ئورنىدىن يۇلقۇنۇپ-قېچىپ!

     

    پىقىرايدۇقوللىرىمدا ئۇ ،
    پىقىرايدۇ شۇنچە شىددەتلىك
    پىقىرايدۇ كوچا-كوچىدا،
    ئاھ، ئادەملەر سەلدەك ھەيۋەتلىك!

     

    پىقىرايدۇ سەرگەردانلاردىن،
    ئوغرى، قاتىل لۈكچەكلەرگىچە
    پىقىرايدۇ مەس كېتىپ بارغان،
    ياش قىزلاردىن، ئۆكتەملەرگىچە!

     

    پىقىرتىمەن، سەرخوش بولىمەن،
    ئىلانلارنى، يولنى، بىنانى.
    پىقىرتىمەن مەسىتخوش بولىمەن،
    ئورمانلارنى، جىلغا، قىيانى.

     

    پىقىرا
      ئەي ھەسرىتىم قېپقالغان باغچا،
    تاش خاتىرلەر پۈتۈلگەن مەيدان.
    پىقىرائاشىق-مەشۇق ئايلىنىپ يۈرگەن،
    ئەي سەن گۈللۈك، ئەي رەڭلىك فونتان !

     

    مەن سەكرەيمەن ئەسەبىيلەرچە،
    ئۆز غەلبەمدىن تەنتەنە قىلىپ.
    ئاپتوبۇسلار ئۇچقاندا كۆكتە،
    يولۇچىلار يەردە قېپقېلىپ.

     

    ياۋۇزلارچە ئوينايمەن ئۇسۇل،
    گەر سوقۇلسا يەرگە تولۇن ئاي.
    بىر پىقىراپ ئەخلەت چېلىكى،
    كۆك ئاسماندىن ئالغان چاغدا جاي!

     

    ساراڭلاردەك كۈلۈپ كېتىمەن،
    ئۇسۇلچى قىز ئۇرۇلسا تامغا.
    ۋارقىرايمەن ئۈنۈم پۈتكىچە،
    قۇشلار كىرىپ كەتكەندە قانغا!

    پىقىرا
    ئەينەك بىلەن سەنمۇ ئەي دەريا،
    دەريادىكى سۇ ھايۋانلىرى.
    چىراقلاردىن ئۆتسەڭ پىقىراپ،
    ھەيران قالسۇن شەھەر بالىلىرى...

     

    پىقىرا
    سەنمۇبىر رەت ئەي دىۋانە چال،
    قىزلار  بىلەن كوچىدا بىر  پەس.
    ئەي يانچۇقچى پىقىراپ بېرىپ،
    مىليونېرنىڭ يانچۇقىنى كەس!

     

    ئەي قەرىزدار قۇتۇل بېخىلدىن،
    ئۇنىڭ پۇتى ھازىر ئاسماندا.
    ئەي ئاچ قالغان، ماڭقا يېتىمەك،
    يە، تويغىچە چۈشتۈڭ. داسقانغا.

     

    سوقۇل-ئۇرۇل، چېقىل چۇل -چۇل بول!
    ئەي مەۋجۇدات قوشۇلۇپ ئۆز -ئارا.
    چۈشۈپ كەتسۇن قولۇمدىن ئەينەك،
    پارچىلانغان غۇۋا سۆز ئارا.

     

    پىقىرايدۇ تام بىلەن تورۇس،
    پىقىرايدۇ بۇلۇت، ئاي، يۇلتۇز.
    پىقىرايدۇ شەھەر غەزەپتە،
    پىقىرايدۇ كوچا، ئاپتوبۇس!
    پىقىرتىمەن بالكۇنغا چىقسام
    ئىچىم پۇشۇپ قالسا ئۇلارنى.

     

    2007-يىلى ماي يىڭىسار

    مەنبە : «ئىشچىلار ۋاقىت گېزتى» 2009 -يىللىق 3-ئاينىڭ 13 -كۈنىدىكى سانى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يالقۇن ئەزىزى