مەن كەتتىم

يوللىغۇچى : zbs يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-04 01:03:39

مەن كەتتىم تۇنۈگۇن مەن شىئىر يېزىپ،مىسىرالاردا تولا ئېزىپ،پەش چېكىتنىڭ چېقىنلىرىدا،قارچۇقلۇرۇم ئوڭ تەتۇر ئېزىپ.بۇگۇن قالدىم يېزىشتىن توختاپ.ئاپپاق بەتكە قالدىم ھاڭ بېقىپ.قارىمامسەن؟دىدىم ئۆزۇ...

    مەن كەتتىم

    تۇنۈگۇن مەن شىئىر يېزىپ،
    مىسىرالاردا تولا ئېزىپ،
    پەش چېكىتنىڭ  چېقىنلىرىدا،
    قارچۇقلۇرۇم ئوڭ تەتۇر ئېزىپ.
    بۇگۇن قالدىم يېزىشتىن توختاپ.
    ئاپپاق بەتكە قالدىم ھاڭ بېقىپ.
    قارىمامسەن؟
    دىدىم ئۆزۇمگە !
    « شىئىر يازارمىش» تېخى
    كىم ئوقۇيدا ئۇنداق نەرسەڭنى؟
    تور بېتىگە قەرىزدار بولۇپ
    ۋۇجۇدۇڭغا پۇششۇغۇڭ تولۇپ
    ئىچ تېشىڭنى ئوڭ تەتۇر  سىقىپ
    بىر كۈنلەردە كەتسەڭمۇ  ئېقىپ
    «شىئىر يېزىپتۇ ئۇ كىشى...»
    دەپ قويامدۇ بىرەر ئىت  چىقىپ؟
    9 كىشى ئارانلا كۆرۇپ
    بەت يۇزىنى  ئۆرۇپ ھەم چۆرۇپ
    « مەن كەلدىمگە» قاراپ قويۇپتۇ
    تور كۆرۇشتىن بىراق تويۇپتۇ...
    سەن  ئۇيالماس بۇگۇن يەنىلا
    « مەن كەتتىم » نى يېزىپ يۇرۇيسەن
    ئەقلى كەمتۇك ساراڭغا ئوخشاش
    مىسىرا تىزىپ ئېزىپ يۇرۇيسەن
    كەلدى كەتتى نۇرغۇن باھادىر
    كىم ئۇلارغا زېھنىنى بەردى
    ئۇلاردىن كۆپ ئۇرۇقلار قالدى
    كىم ئۇلارنى قەلبىگە تەردى؟
    يىراق يەردە قالدى ھەممىسى....
    شىئىر يېزىپ ئولتۇرغان ساراڭ
    تور پۇلىغا نان ئېلىپ يىگىن
    يىيىش قەرزى بىزدە بەكلا كۆپ
    يىگىن يەنە ....تويمىغىن ....يىگىن......!!!!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مەن كەتتىم