ئاق تېرەكلىك كوچا(ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم)

يوللىغۇچى : asimjan318 يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-05 20:53:00

ئاق تېرەكلىك كوچا(ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم) ئاق تېرەكلەر يەككە -يېگانە يېلتىزلىرى قوشۇلغان يەردە سان -ساناقسىز قۇياشتۇر ئاپتاپ جىمىرلىغان يوپۇرماق پەردە شامال غەمسىز ئۇسسۇل ئوينايدۇ سايرىماقتا ش...

                                                     ئاق تېرەكلىك كوچا(ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم)

            ئاق تېرەكلەر يەككە -يېگانە
    يېلتىزلىرى قوشۇلغان يەردە
    سان -ساناقسىز قۇياشتۇر ئاپتاپ
    جىمىرلىغان يوپۇرماق پەردە

    شامال غەمسىز ئۇسسۇل ئوينايدۇ
    سايرىماقتا شامال يىگانە
    كۆڭلىنى ھىچ توختىتالمايدۇ
    يوپۇرماقلار قوشۇلغان يەردە

     يىلتىزلىرى  مەھكۇم تۇپراققا
    مەھكۇم تۇپراق پەردە ئېچىدە
    نە مۇھەببەت ،نە ئىشەنچ قالدى
    يىلتىز يانار تۇپراق ئۇستىدە

     پالتا يېگەن قوۋزاقلار زىدە
    شاماللارنى تۇتماقچى بولۇپ
    قوللىرىنى قالىدۇ سۇنۇپ
    يۇمران غولى يوپۇرماقلارنىڭ
    تۆكۇلىدۇ سارغىيىپ قۇرۇپ...

     يوپۇرماقلار ناخشا ئېيىتماقتا
    <<ئاپتاپ ئەمەس كۆز يېشىم ئاپتاپ...>>
    غوڭۇلدىغان ھەرىلەر توپى
    بىر-بىرىنى تۇگىتەر تالاپ

     كۆككە باققان غايىپ جەڭچىلەر
    سەپ ئالدىغا چۇشمەكتە غۇلاپ
    تەقدىرىمىز قالىدۇ ئوخشاپ...

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 13:29:35]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق