مۇزلىغان باھار(مۇختەر بۇغرا)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 08:34:51

مۇزلىغان باھارمۇختەر بۇغرائادەم يىلتىزىدىن ئۈنىدۇ باھار،ئۈنگىنىدەك مىڭ يىللىق توغراق.نەلەرگىدۇر كەتتى قۇيۇنتاز،قۇم چېچەكلىرى كۈلمەيدۇ پاتراق.قىزىل يۇلغۇن ئىڭراشقا يېقىن،شورلۇق بەخت ئازابقا ...

    مۇزلىغان باھار
     مۇختەر بۇغرا



    ئادەم يىلتىزىدىن ئۈنىدۇ باھار،
    ئۈنگىنىدەك مىڭ يىللىق توغراق.
    نەلەرگىدۇر كەتتى قۇيۇنتاز،
    قۇم چېچەكلىرى كۈلمەيدۇ پاتراق.


    قىزىل يۇلغۇن ئىڭراشقا يېقىن،
    شورلۇق بەخت ئازابقا ئامراق.
    بىرەر تال گۈلدىن ئەسلا خەۋەر يوق،
    سۆيگۈ بەدىنى چاچار خۇش پۇراق.

    2003 - يىل 7 - ئاي
    ئۈرۈمچى



    ئادەم ۋە ئىشەك
    ئىشەكنى تىللىساڭ ھاڭراشنى ئۆگەن،
    چۈنكى تىلىڭ كىچىك شۇنداقلا ئاجىز.
    ئىشەكتىمۇ، ئادەمدىمۇ شەرمى - ھايا يوق،
    ئىشەك بەدىنىگە تىكىلىپ تۇرىدۇ بىر قىز.

    ئادەم بىلەن ئىشەكنى تەڭ ياراتتى ئاللا،
    كۈچىنى ھالال قىلدى ئۆزىنى ھارام.
    ھۆكۈمران بولدۇم دەپ كۈلىدۇ ئادەم،
    ئىشەك يىغلايدۇ تارام - تارام.

    كارۋانلارغا باش بولۇپ كەلدى شۇ ئىشەك،
    بوۋاڭغا يار - يۆلەك، ئاتاڭغا ھەمراھ.
    ئىشەكنى ئۆمۈرلۈك باغلايدۇ ئادەم،
    ئۆزى ئىشەكتىن كۆپ ئۆتكۈزەر گۇناھ.

    2003 - يىل 8 - ئاي
    ئۈرۈمچى



    ئاسىي يول
    بۇ يوللار ئاسىيلىق قىلغاچقا يەنە،
    قايتىدىن ماڭدىم - دە باستى ۋەھىمە.
    يۈرەك سۇ ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆزگەرسە،
    ئادىشىپ كېتىدۇ يوللاردا ھەممە.

    مەن تېخى ھاياتنى سۆيۈپ باقمىدىم،
    ئۇ مېنى نەچچە رەت باخاشمۇ ئەتتى.
    كۈنلىرىم يوقاتتى تەبەسسۇمىنى،
    قايغۇنىڭ زەھىرى سۆڭەككە يەتتى.

    سۆيگۈدەك يوقالدى تۈنۈگۈنكى يول،
    بۈگۈنمۇ ۋىسالدىن ھېچ بىر ئۈمىد يوق.
    ئەڭ كونا يوللارنى ساتتى يېڭى يول،
    قەلبىم تەكلىماكاندەك ياتار قۇپ - قۇرۇق.

    2003 - يىل 9 - ئاي
    ئۈرۈمچى



    سائەت نۆلدە
    سائەت نۆلدە تېخى مەن ئويغاق،
    ئۇيقۇسىغا كەتكەن كائىنات.
    ئىسترېلكا بىگىزگە ئوخشاش،
    تېنىمگە تىغ ئۇرار سۈكۇنات.

    سائەت نۆلدە ئەزىزىم شېئىر،
    يوقلاپ تۇرماس ئۆزۈمدەك مېنى.
    قىز قوينىدا شەرمەندە بولۇپ،
    مەن تالادا مۇزلاپ تۇرغۇنى.



    سائەت نۆلدە مۆكچەيگەن ئازاب،
    ئەخلىتىنى تۆكەر قەلبىمگە.
    ماڭا ھېچكىم يىغلاپ بەرمىگەن،
    ئەمدى يىغلاپ بېرەي مەن كىمگە.

    2003 - يىل 10 - ئاي
    ئۈرۈمچى



    زەھەر
    سۆيۈشۈڭ شېكەرمۇ ۋە ياكى زەھەر،
    ئۆزۈڭگە نامەلۇم مەنمۇ بىلمەيمەن.
    بارغۇ بار دارىسىمان لىۋىڭ ئالدىغان،
    ھاياتمۇ قالمايمەن لېكىن ئۆلمەيمەن.

    ئازاب دەس تۇرغۇزدى ئورنۇمدىن مېنى،
    پىلىسرات كۆۋرۈكىگە قىلدىم تەۋەككۈل.
    ئېتىلدىم باغرىڭغا ئۈشۈك ھەرىدەك،
    چېچىكىڭ زەھىرىمنى قىلمىدى قوبۇل.

    كاج تەلەي ئادەملەر ۋەكىلى بولۇپ،
    بوراندەك باردىم - دە قايتتىم شۈكلەپ.
    تۇتۇرۇق بولۇپتۇ دوزاق ئوتىغا،
    «زەھەرنى زەھەرلا ئالار» دېگەن گەپ.
    2003 - يىل 10 - ئاي
    ئۈرۈمچى



    ئىچ - ئىچىدىن يىغلاش
    يىغلىما دەپ تەسەللىي بەرسە،
    ئىچ - ئىچىدىن يىغلايدۇ كىشى.
    كۆزنى چۆلگە ئايلاندۇرىدۇ،
    زورلاپ كەلگەن شاشلىق تەشۋىشى.

    ياشىغىم يوق قاقاقلاپ يۈرۈپ،
    بۇلۇڭدىكى يالغۇز مېھمانمەن.
    كاتتا تويدا يىغلايمەن ئۈنسىز،
    ماڭا باغاق خاتا بېرىلگەن.

    نوغۇچ تۇتۇپ ھازا ئاچمايمەن،
    ھەم چۈشمەيمەن ئۇسسۇل - دىسكوغا.
    مېنى بىردەم تەنھا قويۇڭلار،
    خاتىرجەملىك بۈيۈك بىر سوۋغا.
    2003 - يىل 10 - ئاي
    ئۈرۈمچى



    ئەركىلەش
    شەھەر ئەركىلەيدۇ،
    سەھراغا قاراپ.
    غەمسىز بالىلىقى يادىغا يېتىپ،
    شىر بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغاندەك.
    ئۆزى ئەركىلىتىپ.
    2003 - يىل 11 - ئاي
    ئۈرۈمچى



    باراۋەت
    باراۋەتكە قاتناشقان ئەركەك،
    باراۋەرلىكنىڭ قەدرىنى بىلەر.
    تەڭشەلمىگەن كېلەڭسىز تارلار،
    سازەندىلەرنىڭ دەردىنى بىلەر.

    بىر پارچە ئەت بىر پارچە ئوتتەك،
    ئېغىزىڭنى كۆيدۈرۈپ تاشلار.
    تەۋەككۈلچە ئارتۇقچە تىنىش،
    ئاللا ياققا كۆتۈرۈپ تاشلار.

    شۈكرە دەيسەن يىقىلغىنىڭغا،
    دەس تۇرىدۇ ئاتۇشلۇق يۈرەك.
    جۈپ بۆرەكنى ئالىمەن جەزمەن،
    يىگىت بېشى سالغاندە توۋرەك.



    ئىككىنىچى يىغا
    يەرگە چۈشكەن بوۋاق يىغلاپ بەرمىسە،
    نە كۈنگە قالار تۇغۇتلۇق ئانا.
    بۆرە بولسۇن ۋە ياكى تۈلكە،
    جان يىغا، قەدىردان يىغا.

    دوستتەك ئۇچراپ تۇرغان ھەربىر دوقمۇشتا،
    شادلىقمۇ بەزەن ئەپ كېلەر پىشكەل.
    يىغلىمىغىن يىقىلساڭ مەيلى،
    تەتۈرلۈك يوقالماس تۈكەل.



    يوشۇرۇن ئازاب
    چاندۇرماي كېلىپ كۆزۈمنى ئەتتىڭ،
    ئىسىمگە يەتتى كىملىكىڭ دەرھال.
    سەن مېنى كەينىمدىن بېغىشلىغىنىڭ،
    بىر قۇچاق گۈل ئەمەس، بىر باغلام پاخال.

    زېمىننىڭ باغرى مۇزلىغان ئەمەس،
    كۆمۈلدىڭمۇ، ئېرىيسەن تۈگەل.
    مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى ئازاب،
    تىنىمنى غاجايدۇ ياۋايى گۈزەل.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.