بۆرىكىستان(مۇختار بۇغرا)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 04:50:56

بۆرىكىستانمۇختار بۇغرائاللىكىملەر خۇشلاشتى بىزدىن،نى ھايۋاننىڭ قورىدى نەسلى.مەيۈسقىنە باش ئەگدى بەخت،خەير - خوش 2004 - يىل.ياۋرۇپادا ئېلىپ تاشلاندى،ئاراپاتنىڭ ئەرەب يۈرىكى.ئاسىيانىڭ دەل كىندىكى...

    بۆرىكىستان
    مۇختار بۇغرا



    ئاللىكىملەر خۇشلاشتى بىزدىن،
    نى ھايۋاننىڭ قورىدى نەسلى.
    مەيۈسقىنە باش ئەگدى بەخت،
    خەير - خوش 2004 - يىل.

    ياۋرۇپادا ئېلىپ تاشلاندى،
    ئاراپاتنىڭ ئەرەب يۈرىكى.
    ئاسىيانىڭ دەل كىندىكىدە،
    بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر تال بۆرىكى.

    كۈن توغاردىن كۈن پاتارغىچە،
    قىزىل قانلار چۈشتى ئۇسسۇلغا.
    يالىڭاچ تۈن، شاللاق كۆز يېشى،
    ئىگە بولدى بايلىق - ھوسۇلغا.

    مەرەپ يۈردى ئاچلىق - گادايلىق،
    ئىگىسى يوق قوزىدەك يالغۇز.
    بۇ كونا يىل،
    يېڭى يىلدىمۇ،
    ساقىپ چۈشەر تۈركۈملەپ يۇلتۇز.


    سۆيگۈ تومارى

    كار قىلمىدى سۆيگۈ تومارى،
    پالاكەتكە يولۇقتۇم ئودا.
    پەيت قاچتى، بەخت قاچمىسۇن،
    پاناھىڭدا ساقلىغىن خودا.

    سوۋغا قىپسەن بوغۇلغان ناخشا،
    تومار ئەمەس بىر بويۇنتۇرۇق.
    بۆرىكىستان دېگىنىڭ يالغان،
    سۆيگۈمىزنىڭ يىلتىزى قورۇق.

    تومار، بەخت، بۆرەك دېگەنلەر،
    ئۈزۈل - كېسىل ھالاكەت بولۇش.
    قاخشال پىكرىم مېغىزلانغاندا،
    قىڭغىر كۈيلەر كەلدى تۇشمۇ - تۇش.


    بۇ ھايات

    بۇ ھايات چىرايلىق سىرلانغان بۆشۈك،
    لېكىن، ياغىچىنى يەپ كەتكەن قۇرۇت.
    بۇ ھايات تىپتىنچ ھىندى ئوكياندۇر،
    جەنۇبىي ئاسىيانى باسقان ئۇشتۇمتۇت.

    بۇ ھايات ياشلىققا قارا خاتىمە،
    گاھىدا كۆرۈنەر ئاق يولنىڭ ئۇچى.
    بۇ ھايات گاھىدا غۇلجا ھەسىلى،
    گاھىدا تەرلەتكەن يەكەننىڭ مۇچى.

    بۇ ھايات كېسەللىك يوشۇرۇنغان تەن،
    رەڭگارەڭ پۇراقلىق بىر دورىخانا.
    بۇ ھايات مۇنتىزم تاللار بازىرى،
    ئۇندا قالايمىقان قويۇلغان باھا.

    بۇ ھايات تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگۈچى،
    چوكان قولىدىكى ھەم يەرلىك تۇخۇم.
    بۇ ھايات ئۇنتۇلغان كلاسسىك شېئىر،
    ھەم بۇغرا يازمىغان يېپيېڭى بوغۇم.


    ئۇيغانمىغان تال بويلۇقۇم

    ئوپۇل - توپۇل قاچمىدى قىشمۇ،
    تۇرىۋالدى ئاتتەك تىرەجەپ.
    مەككار شامال چىقتى شەرقتىن،
    ئۇيغانمىدىڭ ئەي قىزچاق ئەجەپ.

    ھىلال ئايغا ئوسما قويمامسەن؟
    قاشلىرىڭدا قازاندەك سۈرمە.
    سۈتتەك پۇراپ تۇرسا كۆچەتلەر،
    بۇ نورۇزغا بېرىمىز نېمە؟

    مۈگدەۋەردىڭ ئەي تال بويلۇقۇم،
    نىكەم ياغدى بۆرەك يامغۇرى.
    بولىۋالساق، كۈلەتتى كۆكمۇ،
    نەۋ باھارنىڭ بىر جۈپ ئۇيغۇرى.


    بۆرەكسىمان كەتمەن

    جان - تىنىمگە گۈزەل كېسەللىك،
    رودىپايدەك يېپىشتى مانا.
    يارەنلىرىم كەچكى قۇياشتەك،
    يىراقلاشتى ئاھ! ئاستىغىنا.

    ھىدلىرىم جۈپ تەڭگە چىچەكنى،
    ئورۇلغىنى ئازاب ئالمىسى.
    قەرزدارمەن دوستلار كۆڭلىگە،
    بەندىلىكتىن قالدى كۆپ نىسى.

    قىيالاردىن يىقىلغان قۇشمەن،
    بۆرىكىمگە تەگدى جۈت - ئۈشۈك.
    سۆيۈپ تاڭسوق ئالاباغىر يار،
    قالدۇرغىنى كاسات تەۋەرۈك.

    يەتتە كەتمەن توپىدىن باشقا،
    سۆيگۈمىزنىڭ قالمىدى دىرى.
    سەندە تولۇق كۆكرەك ئۆركىشى،
    مەن بانكاڭنىڭ غېرىب شائىرى.


    نابوت بولغان كېچە

    پىتراپ كەتتى خىيالىم گويا،
    نازلىرىڭدىن ئۈركىگەن قۇشتەك.
    چاۋىسىنى چىتقا يايدىغۇ،
    تاقىتى تاق بىر داترەڭ بۆرەك.

    قىز يوقاتماي پاك قىزلىقىنى،
    قان يوقاتتى قىزىللىقىنى.
    ھوزۇر ئەمەس ئاھ! كوزۇر ئۈچۈن،
    مەن ساقلايمەن قارا كېچىنى.


    ئاۋارە ھايات

    سەپەرگە چىقساق زاۋال ۋاقتىدا،
    ئاخىرەت سونۇقلىرى پۇتقا پاتىدۇ.
    قەشقەرنىڭ خالتا كوچىلىرىدىن،
    چىقالماي چېتىگە باشلار قاتىدۇ.

    بىكەت، تۇرالغۇ، نان تېپىپ يېيىش...
    ئۆزى قايناپ تاشقان چۆگۈندۇر گويا.
    بېرىمىز يول تاختىسى خۇدا ئورناتقان،
    بېرىمىز ھاياتقا ئېتىلغان ئوقيا.

    پۇل ھەلەكچىلىكى، قاتىلاڭ سۆيگۈ،
    ھايات باشاقلىرىنى پايخان قىلىدۇ.
    پىلسىراتتىن ئۆتكەن بولسىمۇ، بۆرەك،
    ئۆكتەم ھاياتلىقنى ئارمان قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.