لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگە

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-09-20 20:14:33

لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگەساداقەتجان ھاجىمەن شۇدەم تۇرىمەن سۈكۈتتە غەمكىن،قەلبىمنى ئۆرتەيدۇ قايغۇ ۋە ئازاب.ۋە لېكىن غۇرۇرۇم مەغرۇر ھەم تەمكىن،ئېسىمدىن چىقمايدۇ «يىللارغا جاۋاب».مەن ...



     

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگە


    ساداقەتجان ھاجى


    مەن شۇدەم تۇرىمەن سۈكۈتتە غەمكىن،
    قەلبىمنى ئۆرتەيدۇ قايغۇ ۋە ئازاب.
    ۋە لېكىن غۇرۇرۇم مەغرۇر ھەم تەمكىن،
    ئېسىمدىن چىقمايدۇ «يىللارغا جاۋاب».

    مەن بىلەن بىللىدۇر «خىيالچان تىلەك»،
    خىيالىم ۋەسلىڭگە تەلپۈنۈپ تۇرار.
    ئاھ، سېنى سېغىنغان بۇ ئوتلۇق يۈرەك
    سۆيگۈ شامىلىدا يەلپۈنۈپ تۇرار.

    ئوقۇسام ھەر دائىم «ياشلىق-ئۆگەن»نى
    ياشلىقىم ئۆزىدە بىر كۈچ سېزىدۇ.
    سېغىنىپ، يۈرىكىم شېئىر دىگەننى
    قەبرەڭگە گۈلدەستە قىلىپ تىزىدۇ.

    «مۇھەببەت ۋە نەپرەت»-يۈرىكىمدە ئوت،
    بۇ ئوتسىز ئىنسانغا نەدىكەن ھايات؟!
    شېئىردىن تاپىمەن ھاياتىمغا قۇت،
    ناخشاڭدىن ئويغاندى قەلبىمدە سابات.

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ-قاينام ئۆركىشى،
    سۆيگۈ دېڭىزىدا دولقۇنۇڭ قالدى.
    ئۇنۇتماس ئەبەدىي سېنى ھەر كىشى،
    چۈنكى ھەر يۈرەكتە يالقۇنۇڭ قالدى.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1986-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى. قەشقەر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تارىم» ژۇرنىلى 1988-يىللىق 1-سان
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.