زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: قەلىبكە قايتىش

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-20 20:28:10

قەلىبكە قايتىشزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىئىنايەت قىلدى ھەق زاكىر ئۈچۈن سۆيگۈ نىداسىنى،ئەنىڭ ھەققى ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، تاپتىم زىياسىنى.ئىچىمدە يانسا ھىكمەت-سىر، بېشىمدا كۆيدى سەۋدالىق،دېدىم: ...

    قەلىبكە قايتىش


    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
     


    ئىنايەت قىلدى ھەق زاكىر ئۈچۈن سۆيگۈ نىداسىنى،
    ئەنىڭ ھەققى ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، تاپتىم زىياسىنى.

    ئىچىمدە يانسا ھىكمەت-سىر، بېشىمدا كۆيدى سەۋدالىق،
    دېدىم: پۇۋلەنگۈچە شامىم، قىلاي قۇللۇق ئاداسىنى...

    شەرىئەت ئەھلى سۇنغان جام بىلەن تەڭ ئارتتى دىلمەستلىك،
    قېچىپ چىقتىم كىپەن ئارتىپ، تىشىپ دۇنيا بىناسىنى...

    ئېسىلسام پېشىگە، مەھمۇد①دېدى:« بۇ ئىش ئەمەس جائىز،
    بېرىپ تۇرپانغا ئالغايلا ئۇلۇغ ئۇستاز دۇئاسىنى...»

    كۆزۈم ياق، قوش بۇلاق تاشتى مېڭىپ بوستانغا يەتكەندە،
    دىدار شاتلىقىدىن قەلبىم سېلىپ زىكرى- ساماسىنى...

    ئېسىلسام بوينىغا، ئېيتتى:« ئېسىل ئارغامچىسىغا ھەق،
    كۆزۈڭنى يۇم، كېچە- كۈندۈز ئىشت روھۇڭ ساداسىنى»

    تەرىقەت ئاچتى يۈز، زاكىر مۇرىد، مۇرشىدى نۇرىدىن② ،
    يۇغاي ئەندى يېشى بىرلە ھايات داغى-خاتاسىنى...

    2010- يىلى 2-ئاينىڭ 28 -كۈنى

     

    ___________________________________________

    ①مەھمۇد (مەرھۇم مەھمۇد داموللام ھاجى، 21-ئەسىردىكى ئۇيغۇر مەدرىسە مائارىپىنىڭ ئاخىرقى نامايەندىلىرىدىن بىرى.  ئاتۇشتا ياشاپ ئۆتكەن زەينۇل ئابىدىن مەۋلەۋى دامۇللا ھاجىم ۋە تۇرپاندىكى شاھى مەردان دامۇللا ھاجىم قاتارلىق كاتتا دىنى ئۇستازلاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان. 2010-يىلى12-ئاينىڭ 16-كۈنى 80 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. )
    ②بۈيۈك ئىسلامى تەرىقەت پىشۋاسى، دىننى ئالىم ، جامائەت ئەربابى نۇرىدىن داموللا ھاجىمنى كۆرسىتىدۇ.  ئۇستازىمىز نۇرىدىن داموللا ھاجىم،   1904-يىلى تۇرپان شەھرىنىڭ يار يېزىسى پىيازچىلار مەھەلىسىدە،مۇھەممەد سەيىت خوجا مۇھەممەد شېرىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەگ ئانا ۋەتىنى پەرغانا ۋادىسىنىڭ نەمانگان شەھرى. دادىسى مۇھەمەد سەيىت خوجا يەتتە شەھەر دۆلىتىنى بەرپا قىلىشقا قاتناشقان بولۇپ، بەدۆلەت ياقۇپخانغا مەسلىھەتچى، ھېكىمىخان تۆرە پادىشاھقا مەھرەم بېگى بولغان. ئۇستازىمىز دەسلەپكى ئىسلامى مائارىپ تەربىيىسىنى تۇرپاندىكى مەھەلىۋى مەدىرسىلەدە ئالغاندىن كېيىن ، 1931-يىلى تەرىقەت ئۇستازىمىز شاھى مەردان دامۇللام بىلەن بىرگە  قەشقەرگە بېرىپ خانلىق مەدىرسىدە ۋە يەكەن خاندىھ  مەدىرسىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان . شەرىئەت ئىلمىنى قەشقەردىكى مەدىرسىلەردە تامام قىلىپ بولغاندىم كېيىن، تەرىئەت ئىلمىنىڭ دەسلەپكى ساۋىقىنى يەكەن خاندىھ مەدىرسىنىڭ  قۇرغۇچىسى، داڭلىق تەسەۋوپچى ئايۇپ قاراخۇنۇم ھەزرەتلىرىدىن ئېلىشقا مۇشەرەپ بولۇپ ، ئاقسۇ قۇمباشلىق ئابدۇراخمان ئىنشان ھەزرەتلىرىدە سەيرى سۈلۈكنى تامام قىلىپ يۇقىرى ماقاملارغا ئېرىشكەن. ئۇستازىمىز 1948 - يىلى تۇرپان شەھرىگە قايتىپ كېلىپ ، باغرى مەدىرسىدە ۋەخپى زىمىنلارنىڭ ئىگىلىگىنى باشقۇرغۇچى خوجىدار بولغان.شۇ جەرياندا ئۇ شەرىئەت ۋە تەرىقەت ئىلىملىرىنى تارقاتقان.ئۇستازىمىز 1959-يىلدىن 1974-يىلغىچە ،16 يىل ئۇرۇمچى 1-تۈرمىدە،شاياردىكى تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىدا رىيازەتتە بولغان . 1974  -يىلى تۇرپانغا قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۈمرىنى ئىسلامغا تۆھپە قىلىپ قۇشقان.
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.