خەير

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-31 13:52:44

خەيرجانانىم يۈرۈگۈڭ سوقمىسا ماڭا،بىللە ئۆتكەن شۇ كۈنلەرگە خەير.ئۇنتۇشنى ئويلىغان بولساڭ ئەگەردە،تەڭ كۈلۈشكەن شۇ تۈنلەرگە خەير.مۇھەببەت يۈرەكلەر تىۋىشى ئەسلى،شوخ پىچىرلاشقان يۈرەكلەر خەير.مېن...

     




     

    خەير

     

    جانانىم يۈرۈگۈڭ سوقمىسا ماڭا،

    بىللە ئۆتكەن شۇ كۈنلەرگە خەير.

    ئۇنتۇشنى ئويلىغان بولساڭ ئەگەردە،

    تەڭ كۈلۈشكەن شۇ تۈنلەرگە خەير.

     

    مۇھەببەت يۈرەكلەر تىۋىشى ئەسلى،

    شوخ پىچىرلاشقان يۈرەكلەر خەير.

    مېنى دەپ ئازابتا تولغانغان قەلب،

    كۆز ياشقا تولغان كۈرەكلەر خەير.

     

    قول بېرىپ تاڭلاردا ۋىسال پەيتىدە،

    بىللە پۈتۈشكەن ۋەدىلەر خەير.

    كۆزۈمنى ياشلاپ كېتەر بولۇپسەن يار،

    ئورتاق تۈزۈشكەن ئەھدىلەر خەير.

     

    سېغىنغاندا چىداشماي يوقلاپ تۇرغان،

    باردى-كەلدىمىز، پەتىلەر خەير.

    مەۋجۇت ئەمەستۇر ئەمدى كەلگۈسىمىز،

    بىدار كۈتۈشكەن ئەتىلەر خەير.

     

    سېغىنىشتا ئېيتىلغان شېرىن سۆزلەر،

    يۈرەكتە قالغان ئەسلىمە خەير.

    بىللە يۈرۈپ تاغ-دالا بويلىرىدا،

    تەڭ قالدۇرغان  شۇ ئىزلارغا خەير.

     

    ئايرىلماسمەن سەندىن دەيتتىڭ دائىما،

    سۆيگۈمىزگە گۇۋاھ ئۈلپەتلەر خەير.

    بارى-يوقنىڭ غېمىنى بىللە قىلىشقان،

    بىز تارتقان ئاشۇ كۈلپەتلەر خەير.

     

    سېنى دەپ تولغىنىپ ھەسرىتىڭ يېگەن،

    بىچارە تۇيغۇ خىياللار خەير.

    ماڭغاندا كوچىدا كۆرگەن ئۆزگى،

    مۇھەببەتكە گۇۋاھ سىمالار خەير.

     

    مۇھەببەتنى بىلىپ ھەممىدىن ئۇلۇغ،

    ئېتىبارسىز قالغان ۋاپالار خەير.

    بىكاردىن ئازابتا تولغىنىپ بۇندا،

    ئۆز-ئۆزۈمگە سالغان جاپالار خەير.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خەير _