ئادەم بولماق تەس

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 07:51:08

ئادەم بولماق تەس بەزىلەر دىيىشتى << ھاراق ئىچمەك تەس>>،بەزىلەر دىيىشتى << ئايال بولماق تەس >>.رۇزىئاكام دەپ ئۆتتى <<دېھقان بولماق تەس>>،م،ھۇشۇر دىگەندەك << ئالىم بولماق تەس>>.مەن دەيمەن ھەممىدى

    ئادەم بولماق تەس

     

    بەزىلەر دىيىشتى << ھاراق ئىچمەك تەس>>،
    بەزىلەر دىيىشتى << ئايال بولماق تەس >>.
    رۇزىئاكام دەپ ئۆتتى <<دېھقان بولماق تەس>>،
    م،ھۇشۇر دىگەندەك << ئالىم بولماق تەس>>.
    مەن دەيمەن ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ئىقرارمەن، راسىتلا تەس دېھقانمۇ بولماق،
    چىن ئانا-پەرۋىشكار باغۋنمۇ بولماق،
    ئىلىمدە يول ئاچقان ئالىممۇ بولماق،
    خەلىققە نۇر چاچقان رەھبەرمۇ بولماق،
    ھەممىدىن ھەقىقىي ئادەم بولماق تەس.

    ئادەمسەن جانلىقنىڭ شاھى ئولۇقى ،
    ئەقىل ۋە بىلىمدە يىتۈك-تولۇقى،
    سىنىڭدە جاھاننىڭمەنە يۇرۇقى،
    كۆپ شۇڭا ئىش_ئىزىڭ سۇئال سۇرۇقى،
    جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.

    بولىسەن ھۆنەرۋەن يا دېھقان مۇقۇم،
    يا ئالىم، يا رەھبەر، قۇماندان چۇقۇم،
    ئادەملىك بولمىسا ئۇ ئارتقان <<تۇقۇم>>.
    چۈشەنسەڭ ئادەملىك مىڭ پاتمان ئۇقۇم،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ئادەملىك-ئۆز قەلبىڭ، ئۆز تىلىڭ بىلەن،
    ئادەملىك-ئۆزقەۋمىڭ، ئۆز خىلىڭ بىلەن،
    ئادەملىك-ئۆز يۇرتۇڭ، ئۆز ئېلىڭ بىلەن ،
    ئادەملىك-ئەل سۆيۈش چىن دىلىڭ بىلەن،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ئادەملىك-روھىڭنى پاكلاشتا دائىم،
    ئادالەت يولىنى ياقلاشيا دائىم،
    ئار-نۇمۇس، ۋىجداننى ساقلاشتا دائىم،
    ئەل مىھرى، ئەجرىنى ئاقلاشتا دائىم،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ئادەملىك-ئەڭ ئالىي نىسىۋەڭ-ھەققىڭ،
    ئادەملىك-مۇقەددەس ھۆقۇقىڭ-ئەركىڭ،
    ئەخلاقىڭ، پەزىلىڭدە زىننىتىڭ-نەرقىڭ،
    ئەمگىكىڭ، ئەجرىڭدە قىممىتىڭ،نەرقىڭ،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    نىمە بوپ شان-شەرەپ كۆكىدە ئۇچساڭ،
    رەھبەر بوپ ھەتتاكى جاھاننى قۇچساڭ،
    يۇقايدۇ ئادەملىك يولىدىن ئازساڭ،
    كار قىلماس بوينىڭغا مىڭ تۇمار ئاسساڭ،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ئادەملىك يولىنىڭ مەنزىلى ئۇزاق،
    ھاياتتا كۆپ ئاڭا ئۆتكەل ۋە تۇساق،
    نەپسىڭ ھەر قەدەمدە قۇرۇدۇ تۇزاق،
    ئۇنىڭغا دەسسىسەڭ چۈشكىنىڭ دۇزاق،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    تۇرمۇشتا كۆپ ئۆتكەل سىنايدۇ سىنى،
    ئاجايىپ خەتەرلەر ساقلايدۇ سىنى،
    بوش كەلسەڭ شۇ ئانلا باپلايدۇ سىنى،
    چىڭ كەلسەڭ تېخىمۇ تاۋلايدۇ سىنى،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ياشلىقتا بىر سىماھ قۇزغار ئىشتىياق،
    سۆيگۈدىن دىلىڭغا يېقىلار چىراق،
    قەلبىڭنى گۈلخاندەك ياندۇرار پىراق،
    ئىزتىراپ ئەقلىڭنى قاچۇرار يىراق،
    مۇھەببەت-سۆيگۈسىز ئادەم بولماق تەس.

    گاھ يىغلاپ، گاھىدا كۈلۈپ كېتىسەن،
    ئويلايسەن بىر ئىشنى تۇنۇپ يېتىسەن،
    شۇ ئىشقا بېشىڭچە چۈكۈپ كېتىسەن،
    ھاياتقا قايتىدىن كۈنۈپ كېتىسەن،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ياتلىق بوپ، ئۆيلىنىپ، ئۆي تۇتماستىن ھەم،
    قىلىنماس ھەل تۈپتىن ھاياتتىكى كەم،
    بەخىتتىن لەۋلىرىڭ بولا-بولماي نەم،
    باسىدۇ يەلكەڭنى يېڭى ئېغىر غەم،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ئەڭ ئاۋال باسىدۇ ئۆي-ماكان غېمى،
    ئۆي قىلساڭ چەكچەيىپ تۇرار تۆت تېمى،
    نە قىلساڭ پۈتمەيدۇ چالىسى-كېمى،
    باش قېتىپ، قاچىدۇ چىرايىڭ قېنى،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ئۆيىڭگە قوشۇلسا بىر نۇمۇس-بىرجان،
    پارلايدۇ كۆڭلۈڭدە يېڭى بىر ئارمان،
    بىر يۈكسەك بۇرۋ چۈشۈرەر پەرمان،
    چۈچۈيسەن، يەتكىدەك بولمىسا دەرمان،
    ئارمانسىز، دەرمانسىز ئادەم بولماق تەس.

    بالاڭنى قەدىرلەپ سۆيمىسەڭ بولماس،
    ئاناڭغا-ئاتاڭغا كۆيمىسەڭ بولماس،
    ھەم يەنە ئۆزىڭنى كۆرمىسەڭ بولماس،
    ئەل بىلەن تەڭ سەنمۇ يۈرمىسەڭ بولماس،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    تۇرمۇشتا ئۆزىڭگە يول تاپمىقىڭ تەس،
    يول تاپساڭ، تېخىمۇ پۇل اپمىقىڭ تەس،
    پۇل تېپىش، خەجلەشتە بولمىساڭ پەخەس،
    ئاردۇرار ئىنلىسلار باسار سىېنى نەس،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ئازمىساڭ ئېزىشقا زۇرلايدۇ سېنى،
    ھەر قىسمە نەيرەڭدە گوللايدۇ سېنى،
    گەر ئازساڭ، ۋىقدانىڭ سوتلايدۇ سېنى،
    ۋۇجۇدۇڭ ئۆرتەر ئۈتلەيدۇ سېنى،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    قىينايدۇ تۇلىمۇ تۆت بۇلۇڭ،كۇلۇڭ،
    ئۆزگەتمەك بولىسەن نەچچە رەت بۇلۇڭ،
    قارىساڭ ئىلىكىڭدە ئەمەستۇر رولۇڭ،
    ئۆزگىرەر چۈشەنچەڭ، ئۇيۇڭ ھەم خۇيۇڭ،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    كۆرۈسەن ھاياتنىڭ قىسمىتى تالاي،
    بولىسەن گاھى بەگ، گاھىدا مالاي،
    گاھىدا ياشىساڭ بەختىكە قانماي،
    گاھىدا ئۆلۈممۇ كەلمەيدۇ ئوڭاي،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    بولسىمۇ ھاياتنىڭ سىرلىرى تۇلا،
    ھىكمىتن تاپسىەن چۇڭقۇرراق ئويلا،
    ھىكمەت شۇ: ياشاشتا ۋىجداننى بويلا،
    ھاياتنى قەدىرلە ،مەيلىگە قويما،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ھاياتقا ھىجايما قۇشۇماڭنى تۈر،
    ھەممىنى قەلبىڭ ۋە ئەقلىڭدىلا كۆر،
    ۋىجدانغا ئەگىشىپ ئەقلىڭ بىلەن يۈر،
    ئادەمدەك ياشا، ھايات پەيزىنى سۈر،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ئاتاققا، شۆھرەتكە بىرىلىپ كەتسەڭ،
    ئىمتىياز، ئاماتكە كىرىلىپ كەتسەڭ،
    تەمەننا،كىبىردىن كىرىلىپ كەتسەڭ،
    قەلبىڭگە يات رەيدە سىرلىنىپ كەتسەڭ،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    نا ئىلاج ھۇشۇڭنى تاپقان چېغىڭدا،
    قارىساڭ سىياھ يوق، چىققان تېغىڭدا،
    غازاڭلار ئۇچۇدۇ كۆڭۈل بېغىڭدا،
    گۆشىڭنى يەيسەن قۇرۇپ يېغىڭدا،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    غۇربەتكە،كۈلپەتكە قالساڭمۇ قات-قات،
    ھەرگىزمۇ قەلبىڭدىن ئۆچمىسۇن ئويات،
    ئۇ ئۆچسە، تامامەن بولسەن بەربات،
    ياشايسەن ئازابتا، دەرتتە ئۆمۈر بات،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ئېزىقساڭ ئۆزگىنىڭ ماختاشلىرىغا،
    سەن ئۈچۈن قايغۇرۇپ قاخشاشلىرىغا،
    ئەل ئاترقان گۇناھىڭ ئاقلاشلىرىغا،
    يۇقالغان قەدىرىڭنى ساقلاشلىرىغا،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ئىزىڭدىن ئۈنىدۇ تۈمەنمىڭ سۇئال،
    تۈز قەددىڭ بۇلىدۇ گۇيا مەجنۇن تال،
    پۇت-قۇلۇڭ، ماغدۇرسىز تىتىربان غال-غال،
    ئىڭكىڭ ئۇشلاپ يۇلىسەن ساقال،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ئادەم بول، ئادەمدەك بىلىپ ياشىغىن،
    يۈرەكنى ئالقانغا ئېلىپ ياشىغىن ،
    دىلىڭغا پۈككەننى قىلىپ ياشىغىن،
    ئارزۇ ۋە ئارمانغا قېنىپ ياشىغىن،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ھاياتلىقتا ئاسانلىق، كەڭلىك زلىمە،
    ھەرىكەتسىز خىيالان تەڭلىك ئىزتىمە،
    قەلبىڭگە ھەرگىز ئەڭلىك ئىستىمە،
    ئىستىسەڭ ئادەملىل ئىستە، تەس دىمە،
    جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

    ئويلىساڭ <<ھاياتتا تاپقىنىم نىمە؟،
    ئالغىنىم نىمە ھەم ساتقىنىم نىمە؟،
    يىغقىنىم نىمە ھەم قاتقىنىم نىمە>>؟،
    باسمىسا قەلبىڭنى قايغۇ ، ۋەھىمە،
    ئادەمسەن ، ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئادەم بولماق تەس