ئانا

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-07 11:54:42

ئاناتۈركزات زاكىرماڭا ئاپئاق سۈتۈڭنى بەردىڭ،ئەللەيلىدىڭ، كۈيۈڭنى بەردىڭجاپا چەكتىڭ، كۈچۈڭنى بەردىڭ،جېنىم ئانا، مىھرىبان ئانا!ئەجىر قىلىپ قوشتۇڭ قاتارغا،كۆز يۇمماستىن كەچ-ئەل ياتاردا،كىم با...



    ئانا

    تۈركزات زاكىر

     

    ماڭا ئاپئاق سۈتۈڭنى بەردىڭ،

    ئەللەيلىدىڭ، كۈيۈڭنى بەردىڭ

    جاپا چەكتىڭ، كۈچۈڭنى بەردىڭ،

    جېنىم ئانا، مىھرىبان ئانا!

     

    ئەجىر قىلىپ قوشتۇڭ قاتارغا،

    كۆز يۇمماستىن كەچ-ئەل ياتاردا،

    كىم بار ماڭا شام بوپ يانارغا؟

    جېنىم ئانا، مىھرىبان  ئانا!

     

    پەرزەنتىم دەپ پەرۋانە ھەر ۋاق،

    گالدىن ئۆتمەي ھەتتاكى بىر قاق،

    چېچىڭدا ئاق، قولۇڭدا قاداق،

    جېنىم ئانا، مىھرىبان  ئانا!

     

    پاك ھەم ھالال مىھنىتىڭدە بىز،

    ئۆسمەكتىمىز شاد-ئامان، غەمسىز،

    مەناسى يوق ھاياتمۇ سەنسىز،

    جېنىم ئانا، مىھرىبان  ئانا! 

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئانا تۈركزات زاكىر